ئامىرېكىنىڭ «C-130» تىپلىق ھەربىي ئايروپىلانى چۈشۈپ كەتتى

ئايروپىلاننىڭ تېكەنلىك ۋە ئۆسۈملۈكلەر بىلەن زىچ قاپلانغان جايغا چۈشۈپ كەتكەنلىكى ۋە 16 كىشىنىڭ جەسىتى تېپىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

768322
ئامىرېكىنىڭ «C-130» تىپلىق ھەربىي ئايروپىلانى چۈشۈپ كەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكىنىڭ مىسسىسىپى ئىشتاتىدا دېڭىز ئارمىيە پىيادە قىسىملىرىغا تەۋە ئىكەنلىكى ئېنىقلانغان بىر ھەربىي ترانسپورت ئايروپىلانى چۈشۈپ كېتىپ، 16 كىشى ئۆلدى.

لېفلور رايونلۇق ساقچى مەسئۇلى رىكىي بانكىس مىسسىسىپى ئىشتاتىنىڭ دېلتا رايونىدا يۈز بەرگەن ۋەقە ھەققىدە ئاخباراتچىلارغا مەلۇمات بېرىپ، تىرانسپورت ئايروپىلانىنىڭ جېكسوندىن 135 كېلومېتىر ئۇزاقلىققا چۈشۈپ كەتكەنلىكىنى بىلدۈردى.

لېفلور رايونلۇق جىددىي ھالەتلەرگە تاقابىل تۇرۇش ئىدارىسى مۇدىرى فرېد راندىل بولسا، ئايروپىلان چۈشۈپ كەتكەن جايدا 16 جەسەتنىڭ تېپىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

مىسسىسىپى ئىشتاتى جىددىي ھالەتلەرگە تاقابىل تۇرۇش باشقارمىسى دىرىكتورى لې سىمىتسون يەرلىك ئاخباراتلارغا بەرگەن باياناتىدا، ئايروپىلاننىڭ چېكسوننىڭ شىمالىدىكى لېفلور/سانفىلاۋېر رايونى چېگراسىدىكى تېكەنلىك ۋە ئۆسۈملۈكلەر بىلەن زىچ قاپلانغان جايغا چۈشۈپ كەتكەنلىكىنى بىلدۈردى.

دېڭىز ئارمىيە پىيادە قىسىملىرى ئاساسەن دېگۈدەك يېقىلغۇ ۋە باشقا نەرسە - كېرەكلەرنى يۆتكەش ئۈچۈن ئىشلىتىدىغان «C-130» تىپلىق ئايروپىلانلار سوغۇق ئۇرۇش دەۋرىدىكى «C-130 Herkül» تىپلىق ئايروپىلانلارنىڭ ئوخشاش بولمىغان بىر تۈرى سۈپىتىدە ئىشلەپ چىقىرىلماقتا.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر