دائېشقا «بەيئەت»قىلغان ئامېرىكا ئەسكىرى تۇتۇلدى

ئېرىك كاڭ ئىسىملىك ئامېرىكا ئەسكىرى دائېشنى ئىقتىسادىي جەھەتتىن قوللاش بىلەن ئەيىبلەپ تۇتۇلدى.

768481
دائېشقا «بەيئەت»قىلغان ئامېرىكا ئەسكىرى تۇتۇلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا ئارمىيەسىدە ۋەزىپە ئۆتەيدىغان ئوفىستېر ئېرىك كاڭ تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشنى ئىقتىسادىي جەھەتتىن قوللاش بىلەن ئەيىبلىنىپ ھاۋايدا تۇتقۇن قىلىندى.

ئامېرىكا تاراتقۇلىرىدا بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان خەۋەرلەرگە كۆرە، 34 ياشلىق كاڭ ھەربىي دائىرىلەر ۋە فېدېراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسى تەرىپىدىن بىر يىلدىن بۇيان كۆزىتىپ كېلىنىۋاتقان ئىكەن.

2011-يىلى ئىراقتا، 2013-يىلى ئافغانىستاندا ۋەزىپە ئۆتىگەن كاڭ،ئەينى ۋاقىتتا دۇنيا تېررورىزمغا قارشى كۈرەشلەرگە تۆھپە قوشقانلار قاتارىدا مۇكاپاتلانغانىدى.

تۇتقۇن قىلىنىشتىن ئىلگىرى ھاۋايدا ئاكتىپ ۋەزىپە ئۆتىگەن كاڭ، دائېشقا  بەيئەت قىلىش، ھەربىي ھۆججەت ۋە ماتېرىياللار بىلەن تەمىنلەش، شۇنداقلا ھەربىي تەلىم-تەربىيە بېرىش بىلەن ئەيىبلەنمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر