ياۋروپا ئىتتىپاقى مۇسۇل توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى

ياۋروپا ئىتتىپاقى مۇسۇلنىڭ تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشتىن قۇتقۇزۇلغانلىقىنىڭ، ئىراقنىڭ تېررورلۇقتىن تازىلانغان كېلەچەك قۇرۇپ چىقىشى ئۈچۈن تاشلانغان چوڭ قەدەم بولغانلىقىنى بىلدۈردى.

767666
ياۋروپا ئىتتىپاقى مۇسۇل توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياۋروپا ئىتتىپاقى تاشقى مۇناسىۋەتلەر ۋە بىخەتەرلىك سىياسىتى ئالىي ۋەكىلى فېدېرىكا موغېرىنى بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقى ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم ۋە كىرىزىسنى كونترول قىلىش كومىسسارى كرىستوس ستىلىيانىدېس ئىراق باش مىنىستىرى ھايدار ئەلئىبادىنىڭ مۇسۇلدا تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشقا قارشى زور غەلىبە قولغاكەلگەنلىكىنى بىلدۈرۈشىدىن كېيىن يازما بايانات ئېلان قىلدى.

باياناتتا، مۇسۇلنى دائېشتىن قۇتقۇزۇش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسەتكەن ئىراق خەلقى، ھۆكۈمىتى ۋە خەۋپسىزلىك قىسىملىرى تەبرىكلىنىش بىلەن بىرگە، ئۇرۇشلاردا ھاياتىدىن ئايرىلغان پۇقرالار ۋە ئەسكەرلەر ھۆرمەت بىلەن ئەسلەندى.

بۇندىن كېيىنكى مۇساپىلەردە پۇقرالارنىڭ قوغدىلىشىغا ئەھمىيەت بېرىش كېرەكلىكى ئەسكەرتىگەن باياناتتا، مۇسۇل خەلقى ئارىسىدا ئۆز ئارا مۇرەسسەنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنىڭ، ھەم مۇسۇلنىڭ ھەمدە ئىراقنىڭ كېلەچىكى ئۈچۈن مۇھىملىقى ئالاھىدە تەكىتلەندى.

باياناتتا، مۇسۇلدىن مۇجبۇرىي ئايرىلىشقا مەجبۇر قالغانلارنىڭ قايتىپ كېلىشى ئۈچۈن خىزمەتلەرنى باشلاش، خەلقلەر ئارىسىدا ئۆز ئارا ئىشەنچنى ئاشۇرۇشقا پايدىلىق تەدبىرلەرنى يولغا قويۇش تەكىتلىنىش بىلەن بىرگە، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئىراققا ئىنسانپەرۋەرلىك، خەۋپسىزلىك ۋە مۇقىملىق جەھەتتىن ئىزچىل ياردەم قىلىدىغانلىقى قەيت قىلىندى.


خەتكۈچ: #مۇسۇل , #دائېش

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر