ئامېرىكا بىلەن رۇسىيەنىڭ سۈرىيەدە توقۇنۇشماسلىق رايونى بەرپا قىلىش كېلىشىمى ئىجرا قىلىنىشقا باشلىدى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى بىلەن رۇسىيە ئارىسىدا ھاسىل قىلىنغان سۈرىيەنىڭ غەربىي جەنۇبىدا توقۇنۇشماسلىق رايونى تەسىس قىلىش كېلىشىمى ئىجرا قىلىنىشقا باشلىدى.

767314
ئامېرىكا بىلەن رۇسىيەنىڭ سۈرىيەدە توقۇنۇشماسلىق رايونى بەرپا قىلىش كېلىشىمى ئىجرا قىلىنىشقا باشلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىيوردانىيە چېگراسىغا جايلاشقان دەرئا رايونى بىلەن ئىسرائىلىيەنىڭ ئىشغالى ئاستىدىكى گولان ئېگىزلىكىنىڭ ئۇدۇلىغا جايلاشقان كۇنەيترە ۋە سۇۋەيدە رايونلىرىدا قورال ئاۋازلىرى بېسىقتى، ھاۋادىن زەربە بېرىش ھەرىكەتلىرى توختىدى.

مەزكۇر كېلىشىمنىڭ دائېش تېررورلۇق تەشكىلاتى ۋە ئۇنىڭغا قاراشلىق قوراللىق گۇرۇپپىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سېرگېي لاۋروۋ، توقۇنۇشماسلىق رايونىغا ئىنسانىي ياردەم يەتكۈزۈپ بېرىلىدىغانلىقىنى، ئۆكتىچى گۇرۇپپىلارنىڭ ئۆزئارا دىيالوگ ئۆتكۈزۈشىنىڭ كاپالەتكە ئىگە قىلىنىدىغانلىقىنى، ئىيوردانىيەنىڭ پايتەختى ئامماندا ئۇرۇش توختىتىشنى كۆزىتىش مەركىزى قۇرۇلىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

ئاقساراي دۆلەت خەۋپسىزلىك ئىشلىرى مەسلىھەتچىسى خېربېرت ر.ماكماستېرمۇ ئۇرۇش توختىتىشتىن ئىلگىرى بايانات بېرىپ، توقۇنۇشماسلىق ساھەلىرىنىڭ ئامېرىكا ئۈچۈن مۇھىم ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن ھالدا، «بۇ، كېلىشىم ئارقىلىق ھاسىل قىلىنغان ئىلگىرىلەش ئۈمىد بېغىشلايدۇ» دېگەنىدى.

مەزكۇر كېلىشىمنىڭ ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى، ئىيوردانىيە ۋە رۇسىيە ئارىسىدا ھاسىل قىلىنغانلىقىنى بىلدۈرگەن ماكماستېر، «رۇسىيە ۋە ئىيوردانىيە ھۆكۈمەتلىرى بىلەن بۇ كېلىشىم تۈزۈلگەندىن كېيىن، پىرېزىدېنت دونالد ترامپ جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، ئەنگلىيە باش ۋەزىرى تېرېسا مەي ۋە گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئانگېلا مېركېل قاتارلىق 20 دۆلەت گۇرۇھى باشلىقلار يىغىنىدىكى كۆپلىگەن رەھبەرلەر بىلەن كېلىشىم توغرىسىدا سۆزلەشتى. ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى دائېشنى مەغلۇپ قىلىش، سۈرىيەدىكى كىرىزىسنىڭ بىر تەرەپ قىلىنىشىغا ياردەمچى بولۇش ۋە كىشىلەرنىڭ ئۆيلىرىگە قايتىشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن، قولىدىن كېلىدىغان ئىشلارنى قىلماقتا. بۇ كېلىشىم مەزكۇر ئورتاق نىشانلار نۇقتىسىدىن مۇھىم بىر قەدەم ھېسابلىنىدۇ» دېگەنلەرنى قەيت قىلغانىدى.

مەزكۇر كېلىشىم، 20 دۆلەت گۇرۇھى باشلىقلار يىغىنى دائىرىسىدە گېرمانىيەنىڭ ھامبۇرگ شەھىرىگە كەلگەن ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ بىلەن رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن ئارىسىدىكى ئايرىم ئۇچرىشىشتىن كېيىن ئېلان قىلىنغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر