ئېمبارگو يۈرگۈزگۈچى دۆلەتلەر قاتارنىڭ جاۋابىنى مۇزاكىرە قىلدى
قاتار بىلەن بەزى ئەرەب ئەللىرى ئارىسىدا داۋام قىلىۋاتقان كىرىزىس، مىسىرنىڭ پايتەختى قاھىرەدە مۇزاكىرە قىلىندى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سەئۇدى ئەرەبىستان، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى، مىسىر ۋە بەھرەيننىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى، «قاتارغا قارشى تاشلىنىدىغان قەدەملەر» مۇزاكىرە قىلىنغان يىغىنىدىن كېيىن، ئەرەب دۆلەتلىرى ئىتتىپاقى بىناسىدا قوشما مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى؛ يىغىندا، قاتارغا قارىتىلغان سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي مۇھاسىرىنىڭ ئۆز پېتى داۋاملىشىدىغانلىقى، دوھانىڭ 4 دۆلەتنىڭ 13 ماددىلىق تەلەپلەر تىزىملىكىنى رەت قىلغانلىقىنىڭ ئەپسۇسلىنىش پەيدا قىلغانلىقى تەكىتلەپ ئۆتۈلدى.
سەئۇدى ئەرەبىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئادىل ئەلجۇبەير، «قاتارغا قارىتىلغان سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي ئېمبارگو داۋام قىلىدۇ. مۇۋاپىق ۋاقىتتا خەلقئارا قانۇنلار دائىرىسىدە قوشۇمچە قەدەملەرنى تاشلايمىز» دېدى.
مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، يولغا قويۇلۇۋاتقان ئېمبارگولارنىڭ، قاتارنىڭ باشقا ئەرەب دۆلەتلىرىنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلاشقانلىقىنى ئارقا كۆرۈنۈش قىلىدىغانلىقىمۇ ئىلگىرى سۈرۈلدى.
قاتارغا يۈرگۈزۈلگەن ئېمبارگونى داۋاملاشتۇرۇشنى قارار قىلغان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى، دوھا دائىرىلىرىگە قارشى ھېچقانداق يېڭى جازا قارارى چىقارمىدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
گېرمانىيەدە بىر قەھۋەخانىدا پارتلاش يۈز بەردى
گېرمانىيەنىڭ كۆلىن شەھىرىدىكى بىر قەھۋەخانىدا يۈز بەرگەن پارتلاشتا ئىككى كىشى يېنىك يارىلاندى.