تىللېرسون تۈركىيەنى زىيارەت قىلىدۇ

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى رېكس تىللېرسوننىڭ 9-10-ئىيۇل كۈنلىرى ئىستانبۇلدا تۈركىيەنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبەرلىرى بىلەن كۆرۈشىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

765521
تىللېرسون تۈركىيەنى زىيارەت قىلىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئېلان قىلغان بۇ ھەقتىكى يازما باياناتتا، تىللېرسوننىڭ 9-10-ئىيۇل كۈنلىرى ئارىسىدا ئىستانبۇلغا كېلىپ، تۈركىيەنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبەرلىرى بىلەن كۆرۈشىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

باياناتتا، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى تىللېرسوننىڭ گېرمانىيەدە ئۆتكۈزۈلىدىغانG-20 يىغىنىدا پىرېزىدېنت دونالد ترامپقا ھەمراھ بولىدىغانلىقى، 9-ئىيۇل ئۇكرائىنا پايتەختى كىيېۋدە پىرېزىدېنت پېترو پوروشېنكو بىلەن كۆرۈشىدىغانلىقى، ئارقىدىن 9-10-ئىيۇل كۈنلىرى ئارىسىدا ئىستانبۇلدا تۈركىيەنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبەرلىرى بىلەن كۆرۈشۈپ، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋەتلىرى ۋە رايونلۇق مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلىدىغانلىقى ئەسكەرتىلدى.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى تىللېرسون 2017-يىلى 30-مارت ئەنقەرەنى زىيارەت قىلغان ئىدى. بۇ قېتىملىق زىيارىتىدە بولسا، تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ي د، پ ك ك نىڭ سۈرىيەدىكى پائالىيەتلىرى، فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ كاتتىبېشى فەتھۇللاھ گۈلەننىڭ قايتۇرۇلۇشىغا مۇناسىۋەتلىك تەرتىپ-باسقۇچلار، قاتار بىلەن بەزى ئەرەب دۆلەتلىرى ئوتتۇرىسىدا پارتلىغان كىرىزىسنى ھەل قىلىش يولىدىكى يېڭى ئۆزگىرىشلەر قاتارلىق مەسىلىلەرنىڭ مۇزاكىرە قىلىنىدىغانلىقى كۈتۈلمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر