پاكىستان باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىناق قىلدى

پاكىستان، قۇرۇقلۇقتىن قۇرۇقلۇققا قويۇپ بېرىلىدىغان قىسقا مۇساپىلىك يادرو ئوق بېشى ئېلىپ يۈرۈش ئىقتىدارىغا ئىگە باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىناق قىلدى.

765873
پاكىستان باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىناق قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پاكىستان ئارمىيەسى، سىناق قىلىنغان «نەسر» ناملىق باشقۇرۇلىدىغان بومبىنىڭ 60 – 70 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى نىشانلارغا زەربە بېرىش ئىقتىدارىغا ئىگە ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى؛ پاكىستان ئارمىيەسىنىڭ بۇ ھەقتىكى باياناتىدا، مەزكۇر باشقۇرۇلىدىغان بومبىلارنىڭ خەۋپلىك ئەھۋاللاردا ھەر تۈرلۈك ھادىسىلەرگە ناھايىتى ئۈنۈملۈك زەربە بېرىش كۈچىگە ئىگە بىر قورال ئىكەنلىكى، «نەسر»نىڭ پاكىستاننى دۈشمەننىڭ ھۇجۇملىرىغا تېز سۈرئەتتە مۇداخىلە قىلىش پۇرسىتى بىلەن تەمىنلىگەنلىكى قەيت قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر