ۋېنېزۇئېلادا ئايروپىلان چۈشۈپ كەتتى

ۋېنېزۇئېلا ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى نېستور رېۋېرول، مارگارىتا ئاراللىرىدىن قوزغالغان كىچىك تىپلىق بىر ئۇرۇش ئايروپىلاننىڭ چۈشۈپ كەتكەنلىكىنى ئۇقتۇردى.

764956
ۋېنېزۇئېلادا ئايروپىلان چۈشۈپ كەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ۋېنېزۇئېلا ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى نېستور رېۋېرول بايانات بېرىپ، مارگارىتا ئاراللىرىدىن قوزغالغان كىچىك تىپلىق بىر ئۇرۇش ئايروپىلانىدا تېخنىكىلىق كاشىلا كۆرۈلۈپ، جىددىي قونۇش ئەسناسىدا چۈشۈپ كەتكەنلىكىنى بىلدۈردى.

نېستور رىۋېرول سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ، 9 ئادەم ئولتۇرغان مەزكۇر كىچىك تىپلىق ئۇرۇش ئايروپىلانىنىڭ ئۇچقۇچىسى ئايرودۇرۇمغا قايتىشقا ئۇرۇنغانلىقىنى، بىراق، ئايروپىلاننىڭ كارپ دېڭىزىغا چۈشۈپ كەتكەنلىكىنى، ئايروپىلاندىكىلەرنىڭ كىملىكلىرىنى تېخىمۇ ئېنىقلىنىپ بولمىغانلىقىنى، توققۇز كىشىنىڭ يەتتىسىنىڭ ئۇچقۇچى ياكى رەسمىي ئورگانلاردا ئىشلەيدىغان كىشىلەر ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى.

ئۇ، ئىزدەش – قۇتقۇزۇش خىزمىتىنىڭ كەم دېگەندىمۇ 100 ئادەمنىڭ ئىشتىراك قىلىشى بىلەن داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى قەيت قىلدى.

ئىگىلىنىشىچە، ۋېنېزۇئېلا ھۆكۈمىتىنىڭ دۆلەت خادىملىرىنى يۆتكەشكە مەسئۇل «گولفسىترىم-3» ناملىق  چۈشۈپ كەتكەن مەزكۇر ئايروپىلانىدىكى 9 كىشىنىڭ ئارىسىدا ھايات قالغانلارنىڭ بار – يوقلۇقى مەلۇم ئەمەسكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر