شىمالىي كورېيەنىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىنىقى خەلقئارانىڭ ئەيىبلىشىگە ئۇچرىدى

ب د ت ۋە ئامېرىكىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بەزى دۆلەتلەر خەۋپسىزلىك كېڭىشىنى جىددىي يىغىنغا چاقىرىپ، شىمالىي كورېيەنىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىنىقىنى ئەيىبلەشكە چاقىردى.

764900
شىمالىي كورېيەنىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىنىقى خەلقئارانىڭ ئەيىبلىشىگە ئۇچرىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ب د ت باش كاتىپى ئانتونىيو گۇتېرس شىمالىي كورېيەنىڭ يىراق مۇساپىلىق قىتئەلەر ئارا باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىناق قىلغانلىقىنى ئەيىبلىدى ۋە پىيوڭياڭ ھۆكۈمىتىنى ئىغۋاگەرچىلىك قىلىشنى ئاخىرلاشتۇرۇشقا چاقىردى.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى رېكس تىللېرسون يازما باياناتىدا، بارلىق دۆلەتلەرنىڭ شىمالىي كورېيەگە يادرو قورالىغا ئىگە بولۇش ئۈچۈن ئىزدىنىشلەرنىڭ بىر نەتىجىسى بولىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ قويۇشى كېرەكلىكىنى ئەسكەرتىپ، مۇنداق دېدى:

«شىمالىي كورېيەنىڭ ئىغۋاگەرچىلىك ھەرىكەتلىرىنى ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ ئالدىغا قويۇش ۋە ھېساب سوراش ئۈچۈن تېخىمۇ كۈچلۈك تەدبىرلەرنى يولغا قويۇش نىيىتىمىز بار.»

ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى دانا ۋايت يازما باياناتتا، پىيوڭياڭنىڭ قىتئەلەر ئارا باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىناق قىلغانلىقىنى ئەيىبلىدى. باياناتتا، ئامېرىكىنىڭ ئىتتىپاقداشلىرى بىلەن رايون ۋەزىيىتىنى يېقىندىن كۆزىتىۋاتقانلىقى ئەسكەرتىلدى. باياناتتا مۇنداق دېيىلدى:

«باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىنىقى، شىمالىي كورېيەنىڭ ئامېرىكا ۋە ئىتتىپاقداشلىرىغا تەھدىت پەيدا قىلغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. جەنۇبىي كورېيە بىلەن نىشانلىق ئېتىش ئىقتىدارىمىزنىڭ بارلىقىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن بىرلىكتە مانېۋىر قىلدۇق.»

ئامېرىكا، ياپونىيە ۋە جەنۇبىي كورېيە قاتارلىق دۆلەتلەر ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنى جىددىي يىغىنغا چاقىردى. ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشى 6-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋاقتى 01:00 دە توپلىنىدۇ.

تۈنۈگۈن (4-ئىيۇل) شىمالىي كورېيەنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا يىراق مۇساپىلىق قىتئەلەر ئارا باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىناق قىلغانلىقى بىلدۈرۈلگەن ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر