مىسىر جىددىي ھالەتنىڭ مۇددىتىنى ئۇزارتتى
مىسىر پارلامېنتى، پىرېزىدېنت ئابدۇلفەتتاھ ئەسسىسىنىڭ دۆلەت مىقياسىدا ئىجرا قىلىنىۋاتقان جىددىي ھالەتنىڭ مۇددىتىنى يەنە ئۇچ ئاي ئۇزارتىش توغرىسىدىكى قارارىنى ماقۇللىدى.
764929
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مىسىر دۆلەت تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، پارلامېنتنىڭ ئۈچتىن ئىككىسىنىڭ قوللىشى سايىسىدا قوبۇل قىلىنغان جىددىي ھالەت تۈزۈمى، 2017 – يىلى 10 – ئىيۇلدىن 10 – ئۆكتەبىرگىچە بولغان جەرياندا كۈچكە ئىگە بولىدىكەن.
مىسىر ھۆكۈمىتى، پىرېزىدېنت تەرىپىدىن چىقىرىلغان <جىددىي ھالەتنىڭ مۇددىتىنى ئۈچ ئاي ئۇزارتىش قارارى> نى 22 – ئىيۇندا ماقۇللىغانىدى.
مىسىر ئاساسىي قانۇنىغا ئاساسەن، جىددىي ھالەت تۈزۈمى دۆلەت رەھبەرلىرىنى ئالاھىدە ئىمتىياز ۋە سالاھىيەتلەر بىلەن تەمىنلەيدۇ.