«ئامېرىكىنىڭ كىلىمات ئەھدىنامىسىنىڭ روھىي بويىچە ئىش تۇتىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن»

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىپى ئانتونىيو گۇتتتېرېس ئامېرىكىنىڭ كىلىمات ئەھدىنامىسىنىڭ روھىي بويىچە ئىش تۇتىدىغانلىقىغا ئىشىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

764104
«ئامېرىكىنىڭ كىلىمات ئەھدىنامىسىنىڭ روھىي بويىچە ئىش تۇتىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىپى ئانتونىيو گۇتتتېرېس ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى كىلىمات ئەھدىنامىسىدىن چېكىنىپ چىققان بولسىمۇ، لېكىن ئامېرىكىنىڭ ئەھدىنامىنىڭ تەقەززاسى بويىچە ئىش تۇتىدىغانلىقىغا ئىشىنىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

پورتۇگالىيەنىڭ پايتەختى لىزبوندا چاقىرىلغان «دولقۇن سۈيى 2017»ناملىق يىغىنغا قاتناشقان باش كاتىپ گۇتېررېس يىغىننىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا سۆز قىلىپ، ئامېرىكىنىڭ كىلىمات ئەھدىنامىسىدىن چېكىنىپ چىقىش قارارى ئۈستىدە توختالدى.

ئامېرىكىنىڭ بۇ قارارىنىڭ بىر قىسىم دۆلەتلەر ۋە يېشىل ئىقتىساد ساھەسىدە نوپۇزلۇق ھېسابلىنىدىغان سودا دۇنياسىدا «تۇيۇقسىز ۋەھىمە پەيدا قىلغانلىقى»نى ئېيتقان گۇتېررېس: «ياخشى يېرى ئامېرىكىنىڭ بۇ قارارى باشقا دۆلەتلەرنىڭ پارىژ ئەھدىنامىسىغا تۇتقان پوزىتىيەسىنىمۇ تېخىمۇ مۇستەھكەملەشتۈردى، ياۋروپا ئىتتىپاقى دۆلەتلىرى خىتاي، ھىندىستانغا ئوخشاش دۆلەتلەردىن ۋەدە ئالدى.»

2030 سىجىل تەرەققىيات نىشانلىرىنى ۋۇجۇدقا چىقىرىش ئۈچۈن پارىژ كىلىمات ئەھدىنامىسىنىڭ كەڭ كۆلەملىك ئىجرا قىلىنىشى لازىملىقىنى ئالاھىدە ئەسكەرتىپ ئۆتكەن گۇتېررېس يەنە مۇنداق دېدى: «پارىژ ئەھدىنامىسىنىڭ ئىجرا قىلىنىشىغا ئەزا دۆلەتلەر كۈچ چىقارمىسا نەتىجىلىك 2030 پىلانى بولمايدۇ ۋە بۇ مەسىلىلەر ئۈچۈن مۇۋاپىق بەس-مۇنازىرە مۇھىتى يارىتىپ بولالمايمىز.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر