رۇسىيە پىرېزىدېنتى قاتار ئەمىرى بىلەن كۆرۈشتى

قاتار ئەمىرى شەيخ تەمىم بىن ھەمەد ئەسسانى بىلەن رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن تېلېفوندا كۆرۈشتى.

762845
رۇسىيە پىرېزىدېنتى قاتار ئەمىرى بىلەن كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: قاتار ئەمىرى شەيخ تەمىم بىن ھەمەد ئەسسانى بىلەن رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن، قاتار بىلەن بەزى ئەرەب ئەللىرى ئارىسىدىكى كىرىزىسنىڭ دىپلوماتىك يوللار ۋە بارلىق تەرەپلەرنىڭ بىۋاسىتە دىيالوگ ئۆتكۈزۈشى بىلەن ھەل قىلىنىشىنىڭ شەرت ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

قاتارنىڭ رەسمىي خەۋەر ئاگېنتلىقى –قنانىڭ خەۋەر قىلىشىچە، رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن قاتار ئەمىرى شەيخ تەمىم بىن ھەمەد ئەسسانىغا تېلېفون قىلىپ، قاتار بىلەن بەزى ئەرەب ئەللىرى ئارىسىدىكى كىرىزىسقا ئالاقىدار تىرىشچانلىقلاردىن باشقا، ئىككى دوست دۆلەت ئارىسىدىكى ئورتاق مەنپەئەتلەرنى كۈچەيتىدىغان ئىككى تەرەپ مۇناسىۋەتلىرى، بولۇپمۇ ئېنېرگىيە ۋە سېلىنما ساھەسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنىڭ گۈللەندۈرۈلۈشى ۋە كۈچلەندۈرۈلۈشى توغرىسىدا سۆزلەشكەن.

سەئۇدى ئەرەبىستان، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى، بەھرەين، مىسىر ۋە يەمەن 5 – ئىيۇندا قاتار بىلەن بارلىق دىپلوماتىك مۇناسىۋەتلىرىنى ئۈزگەنلىكلىرىنى ئېلان قىلغانىدى.

دۆلەتلىرىنىڭ ھاۋا تەۋەلىكىنى قاتار ئۈچۈن تاقىۋەتكەن سەئۇدى ئەرەبىستان، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى ۋە بەھرەين، قاتارلىق دىپلوماتلارنىڭ 48 سائەت ئىچىدە دۆلەتلىرىدىن چىقىپ كېتىشىنى تەلەپ قىلغانىدى. قاتارنى دىپلوماتىك مۇھاسىرىگە ئېلىش ھەرىكىتىگە كېيىنچە باشقا بەزى ئەللەرمۇ قېتىلغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر