« جەنۇبىي كورېيە بىلەن بىرلىشىپ شىمالىي كورېيەگە قارشى ئاداققىچە كۈرەش قىلىمىز»

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ بىلەن جەنۇبىي كورېيە پىرېزىدېنتى مون جائىن شىمالىي كورېيەگە قارشى ئاداققىچە كۈرەش قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى.

762575
« جەنۇبىي كورېيە بىلەن بىرلىشىپ شىمالىي كورېيەگە قارشى ئاداققىچە كۈرەش قىلىمىز»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ بىلەن جەنۇبىي كورېيە پىرېزىدېنتى مون جائىن شىمالىي كورېيەگە قارشى كۈرەش قىلىش مەسىلىسىگە قەتئىي پوزىتسىيە بىلدۈرۈشتى.

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ  تۇنجى قېتىم ئاقسارايدا كۈتۈۋالغان جەنۇبىي كورېيە پىرېزىدېنتى  مون بىلەن ئىشخانىسىدا ئايرىم كۆرۈشۈپ بولغاندىن كېيىن قوشما ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى.

ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنىڭ تولىمۇ مۇستەھكەم ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ ئۆتكەن ترامپ، شىمالىي كورېيە تەھدىتىگە قارشى ئامېرىكا ھەر دائىم جەنۇبىي كورېيە بىلەن بىر سەپتە تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: «شىمالىي كورېيە ھاكىمىيىتىگە قارشى ئىستراتېگىيەلىك سەۋىر دەۋرىمىز غەلبىسىز ئاخىرلاشتى. راست گەپنى قىلساق بۇ سەۋرىمىز تۈگىدى. شىمالىي كورېيەدىن ئىبارەت رەزىللىككە قارشى ئىتتىپاقداشلىق مۇناسىۋىتىمىزنى ۋە پۇقرالىرىمىزنى قوغداش ئۈچۈن دىپلوماتىك، خەۋپسىزلىك ۋە ئىقتىسادىي تەدبىرلەر ئېلىشتا جەنۇبىي كورېيە ۋە ياپونىيە بىلەن يېقىندىن ماسلىشىپ ھەرىكەت قىلىۋاتىمىز.»

ترامپ سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: «شىمالىي كورېيەنىڭ ۋەھشىي ۋە بىپەرۋا ھاكىمىيىتىنىڭ تەھدىتىگە ھەممىمىز بىرلىكتە دۇچار بولىۋاتىمىز، بۇ ھاكىمىيەتنىڭ يادرو ۋە بالىستىك يادرو پائالىيەتلىرىگە قەتئىي قارشى تۇرۇشىمىز كېرەك.»

پىرېزىدېنت مون بىلەن شىمالىي كورېيەگە قارشى ئېلىنىدىغان بارلىق تەدبىرلەر ئۈستىدە تەپسىىلي كېڭەش ئۆتكۈزگەنلىكلىرىنى ئېيتقان ترامپ، ئامېرىكا بىلەن جەنۇبىي كورېيە ئوتتۇرىسىدىكى سودا كېلىشىمىنىمۇ قايتىدىن مۇزاكىرە قىلغانلىقلىرىنى ئەسكەرتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر