قاتار: تۈركىيەگە ئالاھىدە رەھمەت ئېيتىمىز

قاتار تاشقى ئىشلار مىنىستىرى شەيخ مۇھەممەد بىن ئابدۇرراھمان ئالسانى دۆلىتىنى قوللىغانلىقى ئۈچۈن تۈركىيەگە ئالاھىدە رەھمەت ئېيتتى.

761905
قاتار: تۈركىيەگە ئالاھىدە رەھمەت ئېيتىمىز

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شەيخ مۇھەممەد بىن ئابدۇرراھمان ئالسانى ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىنگتوندا ئۆتكۈزۈلگەن «پارس قولتۇقى كىرىزىسىنى ھەل قىلىش» تېمىلىق يىغىنىدا، قاتار بىلەن بەزى ئەرەب دۆلەتلىرى ئوتتۇرىسىدا يۈز بەرگەن كىرىزىس ئۈستىدە توختىلىپ، قورشاۋغا قارشى تۈركىيەنىڭ قاتارنى قوللىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ: «تۈركىيە قاتارنىڭ تەمىنلەش زەنجىرىگە كۈچلۈك تەسىر كۆرسىتىدىغان شەكىلدە ياردەم قىلدى. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن، تۈركىيەگە مىننەتدارلىقىمىزنى بىلدۈرىمىز ۋە رەھمەت ئېيتىمىز» دېدى.

ئۇ تۈركىيەنىڭ قاتار بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىنىڭ باشقا پارس قولتۇقى دۆلەتلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىنىڭ قىممىتىنى يوقاتمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، ئەنقەرەنىڭ بارلىق تەرەپلەرنى دىيالوگ ئۆتكۈزۈشكە دەۋەت قىلغانلىقىنى تەكىتلىدى. ئۇ قاتارنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىدىن ۋاز كەچمەيدىغانلىقىنى ۋە كىرىزىسنىڭ سىياسىي يول بىلەن ھەل قىلىنىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى:

«بۇ مۇھاسىرىگە ئېلىش، بىر دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىغا ئوچۇق-ئاشكارا ھۇجۇم قىلىش ۋە خەلقئارالىق قانۇنغا خىلاپلىق قىلىش ھېسابلىنىدۇ.»

ئۇ قاتارغا قارىتىلغان ئەيىبلەشلەرنىڭ ئاساسسىز ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ: «مۇستەقىللىقىمىزگە ۋە مىللىي ئىگىلىك ھوقۇقىمىزغا خىلاپلىق قىلمىغىچە قوشنىلىرىمىز بىلەن بىرلىكتە ئولتۇرۇپ، بارلىق مەسىلىلەر بويىچە سۆھبەتلىشىشكە تەييارمىز» دېدى.

ئۇ سەئۇدى ئەرەبىستان باشچىلىقىدىكى تۆت دۆلەتنىڭ قاتارغا ئۇلتىماتۇم سۈپىتىدە سۇنغان 13 ماددىلىق تىزىملىك ھەققىدە توختىلىپ، تەلەپلەرنىڭ ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن ئەمەسلىكىنى بىلدۈردى.

ئۇ قاتارنىڭ خەلقئارالىق جەمئىيەتنىڭ بىر پارچىسى ئىكەنلىكىنى، ئۆزلىرىگە سۇنۇلغان تەلەپلەرنىڭ يالغۇزلاشتۇرۇش ئىكەنلىكىنى ۋە بۇنى قوبۇل قىلمايدىغانلىقلىرىنى قەيت قىلدى.

سەئۇدى ئەرەبىستان، بەھرەين، مىسىر ۋە ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى ئۇلتىماتۇم ئورۇنلانمىغان تەقدىردە قاتارغا يۈرگۈزۈلىدىغان ئېمبارگولارنى تېخىمۇ ئېغىرلاشتۇرىدىغانلىقلىرى توغرىسىدا تەھدىت سالماقتا. مەزكۇر تۆت دۆلەت 5-ئىيۇندا جاكارلىغان باياناتلىرى ئارقىلىق قاتار بىلەن بارلىق دىپلوماتىك مۇناسىۋەتلىرىنى ئۈزگەنلىكلىرىنى بىلدۈرۈپ، قاتار دىپلوماتلىرىنىڭ 48 سائەت ئىچىدە چېگرادىن چىقىپ كېتىشىنى تەلەپ قىلغان ئىدى. كېيىنچە قاتارغا قارىتىلغان مۇھاسىرىگە باشقا دۆلەتلەرمۇ قېتىلغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر