مۇسۇلدا 900 مىڭ كىشى ئۆي-ماكانلىرىنى تاشلاشقا مەجبۇر بولغان
ئىراق كۆچمەنلىك ۋە كۆچمەنلەر مىنىستىرى جاسىم ئەل-جاف مۇسۇلدا 900 مىڭ كىشىنىڭ ئۆي-ماكانلىرىنى تاشلاشقا مەجبۇر بولغانلىقىنى بىلدۈردى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىراقنىڭ مۇسۇل شەھىرىنى تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشتىن ئازاد قىلىش ھەربىي ھەرىكىتى قوزغالغان كۈندىن بۇيان تەخمىنەن 900 مىڭ كىشى ئۆي-ماكانلىرىنى تاشلاشقا مەجبۇر بولدى.
ئىراق كۆچمەنلىك ۋە كۆچمەنلەر مىنىستىرى جاسىم ئەل-جاف بۇ ھەقتە يازما بايانات بېرىپ، مۇسۇلنىڭ شەرقىدىن 176 مىڭ، غەربىدىن 724مىڭ كىشىنىڭ كۆچۈپ كېتىشكە مەجبۇر بولغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئىراق ئارمىيەسى بىلەن دائېش مىلىتانلىرى ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇشلارنىڭ ھېلىھەم داۋاملىشىشى سەۋەبىدىن، يەرلىك خەلق يۇرت-ماكانلىرىنى تاشلاپ كەتمەكتە.
مۇسۇلنى دائېشنىڭ چاڭگىلىدىن ئازاد قىلىش ھەربىي ھەرىكىتى، 2016-يىلى 17-ئۆكتەبىردە ئىراق ئارمىيەسى، پەشمەرگە ۋە ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى خەلقئارا ئىتتىپاقداش قىسىملىرىنىڭ ھەمكارلىشىشى بىلەن مۇسۇلنىڭ شەرقىدە قوزغالغانىدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
لىۋان ھىزبۇللاھى: ئىسىرائىلىيە پۇشايمان قىلىدۇ
لىۋان ھىزبۇللاھى ئىسىرائىلىيە ھۇجۇم قىلسا «پۇشايمان» قىلىدىغانلىقى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇردى.