ب د ت: ئىتتىپاقداش كۈچلەرنىڭ ھۇجۇملىرىدا كەم دېگەندىمۇ 173 پۇقرا ھاياتىدىن ئايرىلدى

ب د ت، ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى خەلقئارا ئىتتىپاقداش كۈچلەرنىڭ سۈرىيەنىڭ راققە شەھىرىدىكى ھەربىي ھەرىكەتلىرى توغرىسىدا بايانات بەردى.

761260
ب د ت: ئىتتىپاقداش كۈچلەرنىڭ ھۇجۇملىرىدا كەم دېگەندىمۇ 173 پۇقرا ھاياتىدىن ئايرىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ب د ت، ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى خەلقئارا ئىتتىپاقداش كۈچلەرنىڭ سۈرىيەنىڭ راققە شەھىرىدە ئېلىپ بارغان 1 – ئىيۇندىن بۇيانقى ھاۋا ۋە قۇرۇقلۇق ھەرىكەتلىرىدە كەم دېگەندىمۇ 173 پۇقرانىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

ب د ت  كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتى ئالىي كومېسسارى زەيد رەئد ئەلھۈسەيىن يازما بايانات ئېلان قىلىپ، ئىتتىپاقداش كۈچلەرنىڭ راققەدىكى قۇرۇقلۇق ھۇجۇملىرىنىڭ سالمىقىنىڭ ئېغىرلاشقانلىقىنى، بۇنىڭ نەتىجىسىدە 100 مىڭغا يېقىن پۇقرانىڭ قىيىن ئەھۋالدا قالغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

راققەدىكى پۇقرالار دۇچ كەلگەن ئېغىر ۋەزىيەتتىن چوڭقۇر ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن ھۈسەيىن، بارلىق تەرەپلەرنى راققەدىكى پۇقرالارنىڭ ھاياتىنى خەۋپكە ئىتتىرمەسلىككە چاقىردى. ئۇ، سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ، «پۇقرالار سۈرئەت بىلەن قولغا كەلتۈرۈلىدىغان بىر ھەربىي غەلىبە ئۈچۈن قۇربان قىلىۋېتىلمەسلىكى كېرەك» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

ب د ت  باش كاتىپى ئانتونىئو گۇتېررېس 21 – ئىيۇندا بايانات بېرىپ، راققەنىڭ دائېش تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ قولىدىن ئېلىنىشى ئۈچۈن داۋاملاشتۇرۇلۇۋاتقان ھەربىي ھەرىكەتلەردە پۇقرالارنىڭ ۋە ئىجتىمائىي ئۈستقۇرۇلمىلارنىڭ مۇھاپىزەت قىلىنىشىنى تەلەپ قىلغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر