ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتى Google نى جازالىدى
ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتى Google غا 2 مىليارد 42 مىليون ياۋرو تۆلەم جازاسى بەردى.
760309
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتى Google شىركىتىنى بازاردىكى نوپۇزىنى سۈيئىستېمال قىلىش بىلەن ئەيىبلەپ 2 مىليارد 42 مىليون ياۋرو تۆلەم جازاسى بەردى.
ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتى Google شىركىتىنىڭ رەقىبلىرىنىڭ نوپۇزىنى ئاجىزلىتىپ رىقابەت قائىدىلىرىگە بۇزغۇنچىلىق قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.
كومىتېت Google شىركىتىدىن خىزمەت شەكلىنى ئۆزگەرتىشنى تەلەپ قىلىپ 90 كۈن مۆھلەت بەردى.
Google نىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ بۇ قارارىغا نارازىلىق بىلدۈرۈش ئۈچۈن ئىككى ئاي ۋاقتى بار.
ياۋروپا ئىتتىپاقى ئىلگىرىمۇ ئامېرىكا شىركەتلىرىنى رىقابەت قائىدىلىرىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىش بىلەن ئەيىبلەپ تۆلەم جازاسى بەرگەنىدى.