ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى غەززەدە بەزى نىشانلارنى بومباردىمان قىلدى

ھاماس باياناتچىسى فەۋزى بەرھۇم، «ئىسرائىلىيە دائىم كۈرىشىمىزگە تەۋە بەزى نىشانلارغا ھۇجۇم قىلىش ۋە جىددىيچىلىكنى تېخىمۇ يۇقۇرى ئۆرلىتىش مەقسىتىدە دېگەن يالغان باھەنىلەرنى ئىلگىرى سۈرىدۇ» دېدى.

759992
ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى غەززەدە بەزى نىشانلارنى بومباردىمان قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى باياناتچىسى ئوۋىجا ئودرېي غەززەدىن ئىسرائىلىيەگە راكېتامىيوت ئېتىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ بايانات ئېلان قىلغاندىن كېيىن، ئىسرائىلىيە ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى ھاماسنىڭ ھەربىي قانىتى بولغان ئىززەددىن ئەل قاسسام قىسىملىرىنىڭ غەززەنىڭ غەربىي بىلەن رېفاھنىڭ شىمالدىكى 2 بازىسىغا ھۇجۇم قىلغاندىن سىرت، غەززەنىڭ مەركىزىدىكى بىر بېكار مەيدانغىمۇ بومبا ئاتتى.

ئوۋىجا ئودرېي ئىسرائىلىيەنىڭ ھۇجۇمىغا ئالاقىدار ئىجتىمائىي تاراتقۇ ھېسابىدىن ئېلان قىلغان باياناتىدا، ئىسرائىلىيە ھاۋا ئارمىيەسىگە تەۋە ئايروپىلانلارنىڭ غەززەنىڭ شىمالىي ۋە جەنۇبىدىكى ھاماسقا ئائىت نىشانلارغا ھۇجۇم قىلغانلىقىنى، بۇنىڭ پەقەت غەززەدىن شائىر نېگېۋ رايونغا قىلىنغان راكېتامىيوت ھۇجۇملىرىغا قايتۇرۇلغان جاۋاب ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

باياناتچى ئوۋىجا ئودرېي غەززە ھاماسنىڭ كونتىروللۇقىدا بولغانلىقى ئۈچۈن غەززەدىن ئىسرائىلىيەگە قىلىنىدىغان ھەرقانداق ھۇجۇمغا جاۋابكار ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى.

غەززە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقىدىن ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا بولسا، ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى قىلغان ھۇجۇملاردا پەقەتلا ماددى زىيانلارنىڭ كۆرۈلگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

غەززە سەھىيە مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ئەشرەف ئەل قۇدرەمۇ بۇ قېتىمقى ھۇجۇمدا ئادەم ئۆلۈش ۋەقەسى كۆرۈلمىگەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

ھاماس باياناتچىسى فەۋزى بەرھۇم ئېلان قىلغان باياناتىدا، «ئىسرائىلىيە تەرەپ ئازادلىق كۈرىشىمىزگە تەۋە بەزى نىشانلارغا ھۇجۇم قىلىش ۋە جىددىيچىلىكنى تېخىمۇ يۇقۇرى ئۆرلىتىش مەقسىتىدە <غەززەدىن راكېتامىيوت ئېتىلدى> دېگەننى باھەنە قىلماقتا. بۇ ئىسرائىلىيەنىڭ خەتەرلىك ۋە ھەممىگە مەلۇملۇق ئويىنىدۇر» دېگەن سۆزلەرنى ئىشلەتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر