تىللېرسون: خىتاي بېسىمىنى كۈچەيتىشى كېرەك

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى رېكس تىللېرسون، شىمالىي كورېيەنىڭ رايوندىكى جىددىيچىلىكنى ئۇلغايتىۋاتقانلىقىنى ۋە بۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن خىتاينىڭ تېخىمۇ كۆپ كۈچ چىقىرىشىنى كۈتۈۋاتقانلىقلىرىنى بىلدۈردى.

757806
تىللېرسون: خىتاي بېسىمىنى كۈچەيتىشى كېرەك

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىدا رېكس تىللېرسون ۋە ئامېرىكا مۇداپىئە مىنىستىرى ماتتىس بىلەن خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ياڭ جيېچى ۋە باش ئىشتاب باشلىقى گېنېرال فاڭ فىڭخۇي ئىشتىراك قىلغان بىر «دىپلوماتىيە ۋە خەۋپسىزلىك دىيالوگى يىغىنى» ئۆتكۈزۈلدى.

يىغىندىن كېيىن ماتتىس بىلەن بىرلىكتە قوشما مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزگەن تىللېرسون، شىمالىي كورېيەنىڭ يادرو بېشى ئېلىپ يۈرەلەيدىغان باشقۇرۇلىدىغان بومبا پىلانى بىلەن باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا ياساش پائالىيەتلىرىنىڭ رايوندىكى جىددىيچىلىكنى ئۇلغايتىۋاتقانلىقىغا ئىشارەت قىلغان ھالدا، بۇ دۆلەت بىلەن يېقىن مۇناسىۋىتى بولغان خىتاينىڭ تېخىمۇ كۆپ كۈچ چىقىرىشىنى كۈتۈۋاتقانلىقلىرىنى قەيت قىلدى ۋە سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ، «ئەگەر رايوندىكى جىددىيچىلىكنىڭ كۈچىيىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى خالىسا، خىتاينىڭ (شىمالىي كورېيە) ھاكىمىيىتىگە ئىقتىسادىي ۋە دىپلوماتىك جەھەتتە تېخىمۇ ئېغىر بېسىم ئىشلىتىش مەسئۇلىيىتى بارلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلەيمىز» دېدى.

مۇناسىۋەتلىك ب د ت  كېلىشىملىرىگە زىت ھالدىكى باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىنىقى تۈپەيلى شىمالىي كورېيەنى ئەيىبلەشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقلىرىنى ئەسكەرتكەن تىللېرسون، بۇ خىلاپ قىلمىشلارغا ناھايىتى جىددىي قاراۋاتقانلىقلىرىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.

تىللېرسون يەنە، خىتاي بىلەن ئامېرىكا ئارىسىدىكى دىيالوگ زېمىنىنىڭ بارغانچە كۈچىيىۋاتقانلىقىنى، مۇشۇ يىلنىڭ ئاخىرىدا پىرېزىدېنت ترامپنىڭ خىتايدا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇشنى پىلانلاۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى، ئەمما ئۇ زىيارەتنىڭ ۋاقتى توغرىسىدا مەلۇمات بېرىشتىن ئۆزىنى قاچۇردى.

مۇداپىئە مىنىستىرى ماتتىسمۇ، خىتاي بىلەن رايون دۆلەتلىرى ئارىسىدا دەتالاش تېمىسى بولۇۋاتقان جەنۇبىي خىتاي دېڭىزىغا ئالاقىدار مەسىلىلەر توغرىسىدا توختىلىپ، «ئامېرىكا خەلقئارا قانۇن يول قويغان ھەر جايدا ئۇچۇشنى، پاراخوت ھەيدەشنى ۋە ھەرىكەت ئېلىپ بېرىشنى داۋاملاشتۇرىدۇ» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر