بىر ئافغان ئەسكەر مەزارى شەرىفتە ئامېرىكا ئەسكەرلىرىنى ئوققا تۇتتى

ئافغانىستاننىڭ مەزارى شەرىف شەھىرىدە بىر ئافغانىستان ئەسكىرى، ناتودا ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان ئامېرىكا ئەسكەرلىرىگە قوراللىق ھۇجۇم قىلىپ، 4 ئەسكەرنى يارىلاندۇردى.

754820
بىر ئافغان ئەسكەر مەزارى شەرىفتە ئامېرىكا ئەسكەرلىرىنى ئوققا تۇتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شىمالدىكى 209 – كورپۇس قوماندانلىقى باياناتچىسى ئابدۇلقاھھار ئارام، مەزارى شەرىفنىڭ دەھدادى رايونىدىكى قىسىمدا ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان بىر ئەسكەرنىڭ ئۆزلىرىنى مەشىق قىلدۇرۇۋاتقان ئامېرىكا ئەسكەرلىرىگە ئوق چىقارغانلىقىنى، ھۇجۇمدا 7 ئەسكەرنىڭ يارىلانغانلىقىنى، ۋەقەدىن كېيىن ھۇجۇمچىنىڭ بىر تەرەپ قىلىنغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئافغانىستاندىكى ئامېرىكا قىسىملىرى بايانات بېرىپ، ۋەقەنىڭ تەكشۈرۈلۈۋاتقانلىقىنى قەيت قىلدى.

بۇنىڭدىن ئىككى ئايچە ئىلگىرى تېررورچىلار مەزكۇر بازىغا ھۇجۇم قىلىپ، 140 خەۋپسىزلىك خادىمىنىڭ جېنىغا زامىن بولغانىدى.

يېقىنقى مەزگىللەردە، ئافغانىستان ئەسكەرلىرىنىڭ ئافغانىستاندا ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان ئامېرىكا ئەسكەرلىرىگە ھۇجۇم قىلىش ۋەقەلىرى كۆپىيىپ قالماقتا.

بۇنىڭدىن بىر ھەپتە ئىلگىرى ئافغانىستاننىڭ شەرقىگە جايلاشقان نانگارھار ۋىلايىتىدە 3 ئامېرىكا ئەسكىرى بىر ئافغانىستان ئەسكىرى تەرىپىدىن ئېتىۋېتىلگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر