تۈركىيە ئامېرىكىنىڭ ئەنقەرە باش ئەلچىسىنى مىنىستىرلىققا چاقىرتتى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا چاقىرتىلدى.

753853
تۈركىيە ئامېرىكىنىڭ ئەنقەرە باش ئەلچىسىنى مىنىستىرلىققا چاقىرتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا دائىرىلىرى جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭ بەزى مۇھاپىزەتچىلىرى ئۈستىدىن تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىشىدىن كېيىن، تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئامېرىكىنىڭ ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى جون باسنى مىنىستىرلىققا چاقىرتىپ، ئەلچىگە تۈركىيەنىڭ بۇ قارارنى ئەسلا قوبۇل قىلالمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

مىنىستىرلىق تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا مۇنداق دېيىلدى: «ۋاشىنگتون باش ئەلچىخانىمىزنىڭ ئالدىدا 16 – ماي كۈنى يۈز بەرگەن ۋەقە سەۋەبىدىن ئامېرىكا دائىرىلىرى بەزى پۇقرالىرىمىز بىلەن جۇمھۇر رەئىس ئالىيلىرىنىڭ بىر قىسىم مۇھاپىزەتچىلىرى ئۈستىدىن تۇتۇش بۇيرۇقى چىقارغانلىقىدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن، ئامېرىكىنىڭ ئەنقەرە باش ئەلچىسى مىنىستىرلىقىمىزغا چاقىرتىلدى. ئۇنىڭغا: ئامېرىكا دائىرىلىرى چىقارغان بۇ قارارنىڭ خاتا، بىر تەرەپلىك ۋە قانۇن – بەلگىلىمىلەرگە زىت ئىكەنلىكى، ۋاشىنگتون باش ئەلچىخانىمىزنىڭ ئالدىدا يۈز بەرگەن پاتپاراقچىلىققا يەرلىك دۆلەت خەۋپسىزلىك كۈچلىرى دائىرىلىرىنىڭ كېرەكلىك تەدبىرلەرنى ئالماسلىقى سەۋەب بولغانلىقى، ئەگەر ئامېرىكا ھەر دائىمقىغا ئوخشاشلا شۇ قېتىممۇ بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى كۈچەيتكەن بولسا، بۇنداق مەسىلىنىڭ يۈز بەرمەيدىغانلىقى، ئوتتۇرىغا قويۇلدى. ئاتالمىش نامايىشچىلارنىڭ تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ بايرىقى ۋە سىمۋوللىرى بىلەن ۋاشىنگتون باش ئەلچىخانىمىزغا بىرقانچە مېتىر يېقىنلىشىشىغا ۋە مەسۇم پۇقرالىرىمىزغا ھۇجۇم قىلىشىغا ئامېرىكا دائىرىلىرىنىڭ كۆز يۇمۇشى، باش ئەلچىخانىمىز ئالدىدا مىنىستىرىمىزنىڭ مۇھاپىزەتچىلىرىگە ھۇجۇم قىلغان ئامېرىكا دۆلەت خەۋپسىزلىك كۈچلىرىگە قارىتا ھېچقانداق تەدبىر قوللانماسلىقىنىڭ ئەقەللىي ئادالەت ئېڭىغا زىت ئىكەنلىكىمۇ ئامېرىكا ئەلچىسىگە يەتكۈزۈلدى.»

باياناتتا يەنە، ۋەقەنىڭ بىر تەرەپ ۋە مۇستەقىل ھالدا تەكشۈرۈلمەستىن چىقىرىلغان بۇ قارارنى تۈركىيەنىڭ ئەسلا قوبۇل قىلالمايدىغانلىقىنى ئامېرىكا ئەلچىسىگە ئالاھىدە تەكىتلەنگەنلىكى بىلدۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر