بەششار ئەسەد قىسىملىرى دەرئاغا ۋارىل بومبىسى بىلەن ھۇجۇم قىلدى

سۈرىيەدە بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتىنىڭ دەرئا ۋىلايىتىدىكى ئۆكتىچىلەرنىڭ كونتروللۇقى ئاستىدا تۇرۇۋاتقان رايونلارغا قىلغان ۋارىل بومبا ھۇجۇمىدا بىر پۇقرا ھاياتىدىن ئايرىلدى، 11 پۇقرا يارىلاندى.

753968
بەششار ئەسەد قىسىملىرى دەرئاغا ۋارىل بومبىسى بىلەن ھۇجۇم قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بەششار ئەسەد ئارمىيەسىنىڭ تىك ئۇچارلىرى دەرئادا ئۆكتىچىلەرنىڭ كونتروللۇقىدىكى مۇھايەم دەرئا مەھەللىسىنى ۋارىل بومبىسى بىلەن بومباردىمان قىلدى. بومباردىماندا نۇرغۇن بىنا ۋەيران بولدى ياكى چوڭ بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىدى. بومباردىمان سەۋەبىدىن يۈزلەرچە كىشى ئۆيلىرىدىن ئايرىلىشقا مەجبۇر بولدى.

دەرئادىكى ئۆكتىچىلەرنىڭ كونتروللۇقىدىكى رايونلار ھەر كۈنى بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتىنىڭ ھاۋا ۋە قۇرۇقلۇقتىن قىلغان ھۇجۇملىرىغا دۇچ كەلمەكتە.

بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتى ماي ئېيىنىڭ ئاخىرىدا يېقىنقى تۆت ئاي ئىچىدە ئۆكتىچىلەرگە تارتقۇزۇپ قويغان رايونلارنى قايتۇرۇۋېلىش ئۈچۈن دەرئاغا ھەربىي قىسىملىرىنى توپلاشقا باشلىغان بولۇپ، رۇسىيەدە ياسالغان ھەربىي ئاپتوموبىللار، ھەربىي ئەسلىھەلەر ۋە چەت ئەل قوراللىق كۈچلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئالتە ئاپتوموبىل ئەترىتى، دەمەشىق-دەرئا يولى بىلەن دەرئاغا كىرگەن ئىدى.

بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتى 3-ئىيۇندىن تارتىپ شەھەرنىڭ ئۆكتىچىلەرنىڭ كونتروللۇقىدىكى رايونلارغا كەڭ كۆلەملىك ھۇجۇم قىلىشنى باشلىغان ئىدى.

دەرئا 4-5-ماي كۈنلىرى قازاقىستان پايتەختى ئاستانادا ئېچىلغان يىغىندا، رۇسىيە، تۈركىيە ۋە ئىران ئىمزالىغان كېلىشىم بىلەن تەسىس قىلىش تەكلىپ قىلىنغان «توقۇنۇشمايدىغان رايونلار» ئىچىگە كىرگۈزۈلگەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر