قۇددۇستا يەھۇدىي كۆچمەنلەر مەسجىدى ئەقساغا بېسىپ كىردى

قۇددۇستا بىر تۈركۈم يەھۇدىي كۆچمەنلەر مەسجىدى ئەقسادا مۇسۇلمانلار ئىبادەت قىلىۋاتقاندا جامەگە بېسىپ كىردى.

751860
قۇددۇستا يەھۇدىي كۆچمەنلەر مەسجىدى ئەقساغا بېسىپ كىردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: قۇددۇستا يەھۇدىي كۆچمەنلەر قەستەن جېدەل چىقاردى.

يەھۇدىي كۆچمەنلەر مەسجىدى ئەقساغا بېسىپ كىردى.

مۇسۇلمانلار ئىبادەت قىلىۋاتقان ئەسنادا مەسجىدى ئەقسانىڭ ھويلىسىغا بېسىپ كىرگەن 89 يەھۇدىي كۆچمەن پەلەستىنلىكلەرنىڭ جامەگە كىرىشىگە توسقونلۇق قىلدى.

بۇ يەھۇدىي كۆچمەنلەر ساقچىلارنىڭ نازارىتى ئاستىدا مەسجىدى ئەقسا جامەسىگە كىردى.

يەھۇدىي كۆچمەنلەر مەسجىدى ئەقساغا كىرمەستىن ئىلگىرى ساقچىلارنىڭ بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى كۈچەيتىشى دىققەت تارتتى.

ۋەقە ئەسناسىدا يەھۇدىي كۆچمەنلەرگە تاش ئېتىش بىلەن ئەيىبلگەن 4 نەپەر پەلەستىنلىكنىڭ مەسجىدى ئەقساغا كىرىشىگە رۇخسەت قىلىنمىدى.

رامىزان ئېيى مۇناسىۋىتى بىلەن ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقى ۋە شەرقىي قۇددۇسلۇق نۇرغۇن پەلەستىنلىك، مۇسۇلمانلارنىڭ تۇنجى قىبلىسى بولغان مەسجىدى ئەقسادا ئىبادەت قىلماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر