ئىران دېڭىز ئارمىيەسى مەزھەپچىلىك قىلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى ئېتىراپ قىلدى

ئىران دېڭىز ئارمىيەسى قوماندانى ھەبۇللاھ سەييارى مەزھەپچىلىك قىلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى ئېتىراپ قىلدى.

750980
ئىران دېڭىز ئارمىيەسى مەزھەپچىلىك قىلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى ئېتىراپ قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىران دېڭىز ئارمىيەسى مەزھەپچىلىك قىلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى ئېتىراپ قىلدى.

ئىران دېڭىز ئارمىيەسى قوماندانى ھەبۇللاھ سەييارى ئىران ۋە شىئە دۈشمەنلىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئىران مەدەنىيىتىنى تارقىتىش مەقسىتىدە ئۇرۇش پاراخوتلىرىنى ئوخشىمىغان دۆلەتلەرنىڭ پورتلىرىغا قەستەن يېقىنلاشتۇرۇپ كېلىۋاتقانلىقلىرىنى ئېيتتى.

ئىران ئوقۇغۇچىلىرى خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئىران دېڭىز ئارمىيەسىگە تەۋە ئادەن قولتۇقىدىن قايتىپ كەلگەن 46-دېڭىز ئارمىيەسى ئەترىتىنى كۈتۈۋېلىش مۇراسىمىدا سۆز قىلغان سەييارى مۇنداق دېگەن: «خەلقئارا دېڭىز تەۋەلىكى ۋە باشقا دۆلەتلەرنىڭ پورتلىرىغا يېقىنلىشىشتىكى مەقسىتىمىز ئىران ۋە شىئە دۈشمەنلىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىن ئىبارەت.»

ئىران دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ ئىككى مەقسىتىنىڭ بارلىقىنى ئالاھىدە ئەسكەرتىپ ئۆتكەن سەييارى سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: «مەقسىتىمىزنىڭ بىرى دېڭىزغا تۇتۇشىدىغان يوللاردا بىخەتەرلىك بەرپا قىلىش بولسا، يەنە بىرى ئىران دۈشمەنلىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتۇر.»

سەييارى ئىران مەنپەئەتلىرىنى قوغداش ئۈچۈن خەلقئارا دېڭىز تەۋەلىكىدىكى نوپۇزىنى كۈچەيتىش كېرەكلىكىنى بىلدۈرۈپ «باشقا دۆلەتلەرنىڭ پورتلىرىغا يېقىنلىشىپ، ئىستىراتېگىيەلىك نىشان بولغان ئىران مەدەنىيىتىنى بۇ دۆلەتلەرگە تارقىتىشنىمۇ مەقسەت قىلىمىز»دېدى.

ئىران دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ ئارقا سەپ تەمىنات پاراخوتى بۇشەر بىلەن 47-دېڭىز ئارمىيەسى ئەترىتى ئادەن دېڭىز قولتۇقىدىن قايتىپ كەلگەن 46-دېڭىز ئارمىيەسى ئەترىتىنىڭ ئورنىغا تۈنۈگۈن رايونغا ئەۋەتىلگەنىدى.

ئەرەب يېرىم ئارىلىنىڭ جەنۇبىدا ھىندى ئوكياننى قىزىل دېڭىزغا تۇتاشتۇرىدىغان ئىستىراتېگىيەلىك جەھەتتىن مۇھىم ھېسابلىنىدىغان ئادەن قولتۇقى، سەئۇدى ئەرەبىستان باشچىلىقىدىكى خەلقئارا ئىتتىپاقداش قىسمىنىڭ يەمەنگە ھەربىي ھەرىكەتلەر ئېلىپ بېرىش جەھەتتە مۇھىم ھېسابلىنىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر