ئامېرىكىدا ئىسلامغا قارشى نامايىشلارغا قارشى نامايىشلار ئۆتكۈزۈلدى

مۇسۇلمانلار گۇرۇپپىلارنىڭ ۋەكىللىرى ۋە پىرېزىدېنت دونالد ترامپقا قارشى قاناتتىن تەشكىل تاپقان يۈزلەرچە كىشى ئىسلامغا قارشى قاناتنىڭ نامايىشىغا قارشى نامايىش ئۆتكۈزدى.

750190
ئامېرىكىدا ئىسلامغا قارشى نامايىشلارغا قارشى نامايىشلار ئۆتكۈزۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكىنىڭ بىر قانچە شەھىرىدە بىرلا ۋاقىتتا ئۆتكۈزۈلگەن ئىسلامغا قارشى پائالىيەتلەرگە مۇسۇلمانلار گۇرۇپپىلارنىڭ ۋەكىللىرى ۋە پىرېزىدېنت دونالد ترامپقا قارشى قاناتتىن تەشكىل تاپقان يۈزلەرچە كىشىلىك تېخىمۇ چوڭ بىر نامايىش ئارقىلىق جاۋاب قايتۇرۇلدى.

ترامپ ھۆكۈمىتىگە قارشى كۆپلىگەن ئامېرىكىلىقلار مۇسۇلمانلارنى قوللاپ، پىلاكاتلارنى كۆتۈرۈشكەن ھالدا نيۇ يوركنىڭ مانخاتتىن رايونىدا نامايىش ئۆتكۈزدى، ترامپ ۋە ئىرقچىلىققا قارشى شوئارلارنى توۋلىدى.

نامايىش جەريانىدا مۇسۇلمانلارنى ھىمايە قىلىش ئۈچۈن كەلگەن بىر ئامېرىكىلىق تۇتقۇن قىلىندى، ئىسلامغا قارشى نامايىشنى ئورۇنلاشتۇرغۇچىلاردىن فىرانك مورگانتلېر يۈرەك كېسىلى قوزغىلىپ قېلىپ بالنىستقا ئېلىندى.

ئىللىنوئس ئىشتاتىنى چىكاگو شەھىرىدىمۇ ئىسلامغا قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈلدى. شەھەردىكى ترامپ مۇنارىنىڭ ئالدىدىكى 10 دەك ئادەم ئىشتىراك قىلغان نامايىشقا قارشى مۇسۇلمانلار ۋە ترامپقا قارشى قاناتنىڭ ۋەكىللىرى بولۇپ يۈزلەرچە كىشى نامايىش ئۆتكۈزدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر