نىگېرىيەدىكى بومبا ھۇجۇمى كىچىك بالىلارنىڭ جېنىغا زامىن بولدى

نىگېرىيەدە ئىككى كىچىك بالىنى ئالداپ، بومبا قاچىلانغان سومكىنى تۇتقۇزۇپ قويغان نامەلۇم كىشىلەر سۈرۈشتە قىلىنماقتا.

749980
نىگېرىيەدىكى بومبا ھۇجۇمى كىچىك بالىلارنىڭ جېنىغا زامىن بولدى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: غەربىي ئافرىقا دۆلىتى نىگېرىيەدىكى بومبا ھۇجۇمىدا 2 كىچىك بالا ھاياتىدىن ئايرىلدى ۋە 3 كىشى يارىدار بولدى.

ئاداماۋا ئۆلكىسى ساقچى مەسئۇلى، نىگېرىيەنىڭ غەربىدىكى كامېرۇن چېگراسىغا جايلاشقان فادامان راقە يېزىسىدا بىر ئاپتوموبىل بىلەن كەلگەن كىملىكى نامەلۇم كىشىلەرنىڭ 2 كىچىك بالىغا بىر سومكا بەرگەنلىكىنى بىلدۈردى.

سومكىنى بەرگەن كىشىنىڭ بالىلارغا «بۇنىڭدا پۇل ۋە قىمەتلىك  بويۇملار بار، ئۆيىڭلارغا ئاپىرىڭلار» دېگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

بەزىلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بالىلار سومكىنى ئۆيىگە ئېلىپ كېتىۋاتقان پەيتتە ئىچىدىكى بومبا پارتلىغان ۋە ھەر ئىككى كىچىك بالا ھاياتىدىن ئايرىلىپ، 3 كىشى يارىدار بولغان.

گۇماندارلارنى ئاختۇرۇپ تۇتۇش خىزمەتلىرى داۋاملاشماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر