ئىراقتا مەيدانغا كەلگەن ئادەم بومبا ھۇجۇملىرىدا 50 دىن ئارتۇق ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلدى

ئىراقتا پايتەخت باغدادنىڭ جەنۇبىي بىلەن كەربەلادا مەيدانغا كەلگەن ئادەم بومبا ھۇجۇملىرىدا 50 دىن ئارتۇق ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلدى.

749546
ئىراقتا مەيدانغا كەلگەن ئادەم بومبا ھۇجۇملىرىدا 50 دىن ئارتۇق ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىراق ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتىغا قارىغاندا، بىرىنچى ھۇجۇم كەربەلادا بىر ئايال ئادەم بومبا ھۇجۇمچىسىنىڭ بىر بازاردىكى ئادەملەرنىڭ ئارىسىغا كىرىۋېلىپ، بەدىنىگە تېڭىۋالغان پارتلاتقۇچلارنى پارتلىتىشى نەتىجىسىدە مەيدانغا كەلگەن.

پارتلاشتا، 30 ئادەم ئۆلدى، 35 ئادەم يارىلاندى.

ئىككىنچى ئادەم بومبا ھۇجۇمى بولسا، باغدادنىڭ 60 كىلومېتىر جەنۇبىغا جايلاشقان مۇسەييىب بازىرىدىكى بىر بازاردا مەيدانغا كەلدى؛ ھۇجۇمدا 20 دىن ئارتۇق ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلدى.

ھۇجۇملارنىڭ جاۋابكارلىقىنى دائېش تېررورلۇق تەشكىلاتى ئۈستىگە ئالدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر