قاتار ترامپنىڭ تەكلىپىنى رەت قىلدى

قاتار ئەمىرى تەمىم بىن ھامىد ئەلسانى ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ترامپنىڭ پارىس قولتۇقىدىكى كىرىزىسنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ئاق سارايدا كۆرۈشۈش تەكلىپىنى رەت قىلدى.

749510
قاتار ترامپنىڭ تەكلىپىنى رەت قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: قاتار تاشقى ئىشلار مىنىستىرى شەيخ مۇھەممەد بىن ئابدۇرراھمان ئەلسانى ئامېرىكىنىڭ Associated Press (AP)  خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا بەرگەن باياناتىدا، مەۋجۇت ئېمبارگولار داۋاملىشىۋاتقان بىر پەيتتە، ئەمىرنىڭ دۆلەتتىن ئايرىلالمايدىغانلىقىنى، شۇڭا ئاق سارايغا بارمايدىغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «قاتار قورشاۋ ئاستىدا تۇرۇۋاتقان ھالقىلىق بىر پەيتتە، ئەمىرنىڭ دۆلەتتىن ئايرىلىشى مۇمكىن ئەمەس.»

چارشەنبە كۈنى قاتار ئەمىرى ئەلسانى بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشكەن ترامپ، ئەمىرنى ئاق سارايغا تەكلىپ قىلىپ، قاتار كىرىزىسىدە مۇرەسسەچى بولۇشنى تەكلىپ قىلغانىدى.

ئەرەب دۆلەتلىرىنىڭ قاتارنى قورشاۋ ئاستىغا ئېلىش ھوقۇقىنىڭ يوقلۇقىنى ئېيتقان قاتار تاشقى ئىشلار مىنىستىرى، سەئۇدى ئەرەبىستان بىلەن بىر قىسىم ئەرەب ئەللىرىنىڭ «خاتا ۋە ئويدۇرما خەۋەرلەر» گە ئاساسەن قاتارنى يېتىم قالدۇرۇشقا تىرىشىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.

دۆلىتىنىڭ ئەسەبىي گۇرۇپپىلارغا ئىقتىسادىي ياردەم بەرگەنلىكىگە ئالاقىدار دەۋالارنى رەت قىلغان ئەلسانى، «‹ئەلجەزىرە› تېلېۋىزىيە قانىلى» نى تاقاش پىكرىگىمۇ قارشى چىقتى.

گەرچە قوشنا دۆلەتلەر مەزكۇر گۇرۇپپىلارنى قانۇنسىز دەپ ئېلان قىلغان بولسىمۇ، ئەمما قاتارنىڭ مۇستەقىل دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن مۇسۇلمان قېرىنداشلار تەشكىلاتىغا ئوخشىغان گۇرۇپپىلارغا ياردەم بېرىش ۋە قوللاش ھوقۇقىنىڭ بارلىقىنى ئەسكەرتكەن ئەلسانى مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: «ئەگەر بەزىلەر ئاللىقانداق باھانە – سەۋەبلەر بىلەن مېنىڭ دۆلىتىمنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ياكى ئىچكى مەسىلىلىرىگە ئارىلىشىمەن دېسە، بۇ ئۇلارنىڭ ئۇخلاپ چۈشى، ھېچكىم ئۇلارغا مېنىڭ دۆلىتىمنى قورشاۋ ئاستىغا ئېلىش، ياكى دۆلىتىمنىڭ ھاۋا قاتنىشىغا، دېڭىز قاتنىشىغا ئېمبارگو يۈرگۈزۈش ھوقۇقى بېرەلمەيدۇ، ھېچكىم ئۇلارغا قاتارلىق ئاياللار بىلەن سەئۇدى ئەرەبىستانلىق بالىلارنى، ياكى ئەمىرلىكتىن بولغان ئانىلار بىلەن قاتارلىق بالىلارنى بىر – بىرىدىن ئايرىۋېتىش ھوقۇقى بېرەلمەيدۇ. قايسى ئەسىردە ياشاۋاتقانلىقىمنى بىلمەي قالدىم، ھەقىقەتەن 21 – ئەسىردە ياشاۋاتامدۇق؟»

دۆلىىتنىڭ ئەسەبىيلەر ۋە تېررورىست گۇرۇپپىلارغا ياردەم بەرمىگەنلىكىنى ئەسكەرتكەن ئەلسانى، قاتار بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەتنى ئۈزگەن دۆلەتلەردىن ھېچقانداق بىر تەلەپ تىزىملىكى تاپشۇرۇۋالمىغانلىقىنى قەيت قىلغان ھالدا مۇنداق دېدى: «ئەگەر ئوتتۇرىدا مەنتىقىلىق بىرەر دەۋا ياكى ئەيىبلەش بار بولسا، بىز بۇنىڭغا جاۋاب بېرىشكە تەييارمىز، ئەمما ھېچقانداق مەنتىقىلىق تەرىپى بولمىغان بىمەنە ۋە گۇمانلىق ئەيىبلەشلەرگە جاۋاب بېرىشكە تەييار ئەمەسمىز.»

سەئۇدى ئەرەبىستان، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى، بەھرەين، مىسىر، يەمەن قاتارلىق دۆلەتلەر دۈشەنبە كۈنى قاتار بىلەن بولغان دىپلوماتىك مۇناسىۋەتلىرىنى ئۈزگەنلىكىنى ئۇقتۇرغان، سەئۇدى ئەرەبىستان، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى ۋە بەھرەين ھاۋا تەۋەلىكىنى قاتارغا تاقاپ، قاتارلىق دىپلوماتلارنىڭ 48 سائەت ئىچىدە دۆلەتلىرىدىن چىقىپ كېتىشىنى تەلەپ قىلغانىدى.

قاتارغا قارشى دىپلوماتىك قورشاۋغا كېيىنچە مالدىۋى، خەلقئارا جەمئىيەت تەرىپىدىن ئېتىراپ قىلىنمىغان لىۋىيەدىكى توبرۇق ھۆكۈمىتى، ماۋرىتانىيە ۋە كومورو ئاراللىرىمۇ داخىل بولغانىدى.

ئىيوردانىيە بولسا سەيشەنبە كۈنى كەچتە ئېلان قىلغان باياناتىدا، قاتار بىلەن بولغان دىپلوماتىك مۇناسىۋىتىنىڭ سەۋىيەسىنى تۆۋەنلەتكەنلىكلىرىنى، مەركىزى قاتاردىكى «‹ئەلجەزىرە› تېلېۋىزىيە قانىلى» نىڭ ئىيوردانىيەدىكى ئىشخانىسىنى تاقىغانلىقىنى ئۇقتۇرغانىدى.

سېنېگال بىلەن چادمۇ قاتاردىكى باش ئەلچىسىنى قايتۇرۇپ كەتكەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر