ئىراندا كىسلاتالىق ھۇجۇم يۈز بەردى

ئىراننىڭ پايتەختى تېھراندا يۈز بەرگەن كىسلاتالىق ھۇجۇمدا 16 كىشى يارىلاندى.

748530
ئىراندا كىسلاتالىق ھۇجۇم يۈز بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مەلۇماتلارغا قارىغاندا، تېھراننىڭ جەنۇبىدا موتسىكلىتلىق بىر كىشى يول چېتىدە كۈتۈۋاتقان ئىنسان توپىغا كىسلاتالىق ماددا چېچىپ ھۇجۇم قىلغان.

تېھران ئەدلىيە مەھكىمىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، زوراۋان تۇتۇلغان بولۇپ، ئۇ خوتۇنى بىلەن تاكاللىشىپ قالغاندىن كېيىن ئاچچىقلىنىپ، ئىنسان توپىغا ئۆيىدىن ئېلىپ كەلگەن  ماددىنى چېچىپ ھۇجۇم قىلغان، ھۇجۇمدا 16 كىشى يارىلانغان بولۇپ، ھۇجۇمنىڭ تۈنۈگۈنكى تېررورلۇق ھۇجۇمى بىلەن مۇناسىۋىتى يوق ئىكەن.

تېھراندا تۈنۈگۈن ھەم پارلامېنتقا ھەم ئىران ئىسلام ئىنقىلابىنىڭ رەھبىرى ئايەتۇللاھ ھۇمېينىنىڭ مەقبەرەسىگە قىلىنغان قوراللىق ۋە بومبىلىق ھۇجۇملاردا 13 كىشى قازا قىلغان، 43 كىشى يارىلانغان، ھۇجۇمنىڭ جاۋابكارلىقىنى تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېش ئۆز ئۈستىگە ئالغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر