ترامپ: تېررورلۇق ھۇجۇملىرىنىڭ قۇربانىغا ئايلىنىپ كەتكەن ئىران خەلقىگە دۇئا قىلىۋاتىمىز

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ترامپ ئىران پارلامېنتى ۋە ھۇمېينىنىڭ مەقبەرىسىگە قىلىنغان تېررورلۇق ھۇجۇملىرىنى ئەيىبلەپ، «تېررورلۇق ھۇجۇملىرىنىڭ قۇربانىغا ئايلىنىپ كەتكەن ئىران خەلقىگە دۇئا قىلىۋاتىمىز» دېدى.

748533
ترامپ: تېررورلۇق ھۇجۇملىرىنىڭ قۇربانىغا ئايلىنىپ كەتكەن ئىران خەلقىگە دۇئا قىلىۋاتىمىز

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئاق ساراي تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتتا ئەسكەرتىلىشىچە، ترامپ تېھراندىكى ھۇجۇملارنى ئەيىبلەپ ئېلان قىلغان يازما باياناتىدا مۇنداق دېگەن: «ئىراندىكى تېررورلۇق ھۇجۇملىرىنىڭ قۇربانلىرى ۋە مۇشۇنداق مۇشەققەتلىك زامانلارنى باشتىن كەچۈرۈۋاتقان ئىران خەلقى ئۈچۈن دۇئا قىلىۋاتىمىز ۋە بۇنىڭدىن قاتتىق ئەپسۇسلىنىمىز. تېررورىزمنى قوللاۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ تېررورىزم يېيىۋاتقان يامانلىقنىڭ قۇربانىغا ئايلىنىپ كېتىش خەۋپى بارلىقىنى تەكىتلەيمىز.»

تېھراندا تۈنۈگۈن ھەم پارلامېنتقا ھەم ئىران ئىسلام ئىنقىلابىنىڭ رەھبىرى ئايەتۇللاھ ھۇمېينىنىڭ مەقبەرەسىگە قىلىنغان قوراللىق ۋە بومبىلىق ھۇجۇملاردا 13 كىشى قازا قىلغان، 43 كىشى يارىلانغان، ھۇجۇمنىڭ جاۋابكارلىقىنى تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېش ئۆز ئۈستىگە ئالغانىدى.

ئىران ترامپنىڭ باياناتلىرىنى «نومۇس قىلارلىق باياناتلار» دەپ ئاتىدى.

ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جەۋاد زارىف ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى Twitter  سەھىپىسىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا، تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشنىڭ ھۇجۇملىرىدىن كېيىن تەزىيە بىلدۈرگەن بولسىمۇ، بىراق باياناتىدا، «تېررورىزمنى قوللاۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ تېررورىزم يېيىۋاتقان يامانلىقنىڭ قۇربانىغا ئايلىنىپ كېتىش خەۋپى بارلىقىنى تەكىتلەيمىز» تەرىقىسىدىكى سۆزلىرىگە نارازىلىق بىلدۈرۈپ، «ترامپنىڭ باياناتلىرى نومۇس قىلارلىق باياناتلار بولۇپ، ئىرانلىقلار ئامېرىكا قوللاۋاتقان تېررورىزمغا قارشى كۈرەش قىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئاق ساراينىڭ نومۇس قىلارلىق باياناتلىرى ۋە ئامېرىكا پالاتاسىنىڭ ئېمبارگولىرى، ئامېرىكىنىڭ دوستلۇق دەۋالىرىنى رەت قىلىدۇ» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر