قاتار تاشقى ئىشلار مىنىستىرى رۇسىيەگە بارىدۇ

قاتار تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئەل سانى رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سېرگېي لاۋروۋ بىلەن ئۇچرىشىش ئېلىپ بارىدۇ.

748757
قاتار تاشقى ئىشلار مىنىستىرى رۇسىيەگە بارىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: قاتار تاشقى ئىشلار مىنىستىرى شەيخ مۇھەممەد بىن ئابدۇررەھمان ئەل سانى شەنبە كۈنى (10 – ئىيۇن) رۇسىيەنىڭ پايتەختى موسكۋاغا بارىدۇ. 

رۇسىيە خەۋەر ئاگېنتلىقى «Ria-Novosti»نىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنى مەنبە كۆرسىتىپ ئېلان قىلغان خەۋىرىدە، قاتار تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئەل سانىنىڭ رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سېرگېي لاۋروۋ بىلەن ئۇچرىشىش ئېلىپ بارىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

يەنە بىر تەرەپتىن كرېملىن سارىيى باياناتچىسى دىمىترىي  پېسكوۋ، رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىننىڭ ئەل سانى بىلەن ئۇچرىشىشنى پىلانلىمىغانلىقىنى ئېيتتى.


خەتكۈچ: #قاتار , #رۇسىيە

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر