مۇرسىنىڭ تۈرمىدە ئىككى قېتىم ھوشىدىن كەتكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلدى

مىسىردا ھەربىي ئىسيان ئارقىلىق ئاغدۇرۇپ تاشلانغان دۆلەتنىڭ سايلام ئارقىلىق ھاكىمىيەت بېشىغا كەلگەن پىرېزىدېنتى مۇھەممەد مۇرسى تورا تۈرمىسىدىكى كامېرىدا ئۆتكەن يەكشەنبە كۈنىدىن بۇيان ئىككى قېتىم ھوشىدىن كەتتى.

748538
مۇرسىنىڭ تۈرمىدە ئىككى قېتىم ھوشىدىن كەتكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مۇرسىنىڭ كىچىك ئوغلى ئابدۇللاھ مۇرسى، چارشەنبە كۈنى ئېچىلىپ، يەنە بىر قېتىم كېچىكتۈرۈلگەن «تۈرمىلەرگە بېسىپ كىرىش» دېلوسىغا ئالاقىدار سوتقا ئادۋوكات ئابدۇلمۇنئىم ئابدۇلمەقسۇد بىلەن بىرلىكتە قاتناشقانلىقىنى، ئاتىسىنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالىنىڭ ياخشى ئەمەسلىكىنى، ئەھۋالى توغرىسىدا توختىلىش ئۈچۈن سۆز قىلىش پۇرسىتى بېرىلىشىنى تەلەپ قىلغان بولسىمۇ، سودىيەنىڭ بۇنىڭغا يول قويمىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئابدۇللاھ مۇرسى بايانات بېرىپ، «مۇھەممەد مۇرسىنىڭ سوت زالىدىكى ئەينەك قەپەسكە سولانغان باشقا مەھبۇسلارغا <ئۆتكەن يەكشەنبە كۈنىدىكى ئائىلە زىيارىتىدىن كېيىن ئىككى قېتىم ھوشىدىن كەتكەنلىكىنى، بىراق ئۇنىڭغا ھېچقانداق تېببىي مۇداخىلە قىلىنمىغانلىقىنى> دېگەنلىكىدىن خەۋەر تاپتۇق» دېدى ۋە ئاتىسىنىڭ سوت كوللېگىيەسىدىن چىقىمىنى ئۆزى تۆلەش شەرتى بىلەن سالامەتلىكىنى تەكشۈرتۈشنى تەلەپ قىلغانلىقىنىمۇ سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.

مۇرسىنىڭ ئادۋوكاتى ئابدۇلمۇنئىم ئابدۇلمەقسۇد بولسا، ئاقلىغۇچىلار ھەيئىتىنىڭ مۇرسىنىڭ سالامەتلىك تەكشۈرۈشىدىن ئۆتكۈزۈلۈشىنى تەلەپ قىلىپ باش تەپتىش مەھكىمىسىگە ئىلتىماس سۇنغانلىقىنى بىلدۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر