بىرمىدا يوقاپ كەتكەن ھەربىي ئايروپىلان دېڭىزغا چۈشۈپ كەتكەن

بىرمىدا تۈنۈگۈن 106 يولۇچى ۋە 14 ئايروپىلان خادىمىنى ئېلىپ كېتىۋاتقاندا يوقاپ كەتكەن ھەربىي ئايروپىلاننىڭ  دۆلەتنىڭ جەنۇبىدا دېڭىزغا چۈشۈپ كەتكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

748089
بىرمىدا يوقاپ كەتكەن ھەربىي ئايروپىلان دېڭىزغا چۈشۈپ كەتكەن

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مەلۇماتلارغا قارىغاندا، يولۇچىلارنىڭ ھەممىسى ھەربىي خادىم ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىدىن تەشكىل تاپىدىغان بولۇپ، دېڭىزدىن مەزكۇر ئايروپىلاننىڭ بەزى پارچىلىرى تېپىلغان.

دېڭىزغا چۈشۈپ كېتىش سەۋەبىنى ئېنىقلاپ چىقىش ئۈچۈن ئايروپىلاننىڭ قارا قۇتىسىنىڭ تېپىلىشى كۈتۈلمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر