ئامېرىكا سۈرىيە قىسىملىرىنى بومباردىمان قىلدى

ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى ئىتتىپاقداش ئارمىيەنىڭ ھاۋا ھۇجۇمىدا سۈرىيە ھۆكۈمىتىنى قوللىغۇچى قىسىملارنىڭ 2 توپى ۋە بىر ئايروپىلان سوقار قورال سىستېمىسى پاچاقلاپ تاشلاندى. تانكىسىمۇ ئېغىر زىيانغا ئۇچرىتىلدى.

747400
ئامېرىكا سۈرىيە قىسىملىرىنى بومباردىمان  قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دائېشقا قارشى ئىتتىپاقداش ئارمىيە سۈرىيە ھۆكۈمىتىنى قوللىغۇچى قىسىملارغا 2 – قېتىم ھۇجۇم قىلدى.

ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى دائېشقا قارشى ئىتتىپاقداش ئارمىيە سۈرىيەنىڭ ئەل تانف ناھىيەسى ئەتراپىدىكى ئايرىلىش رايونىغا يېقىنلىشىپ كېلىۋاتقان سۈرىيە ھۆكۈمىتىنى قوللىغۇچى قىسىملارغا ھاۋادىن ھۇجۇم قىلدى.

ئىتتىپاقداش ئارمىيە تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا: «ئىلگىرى ئاگاھلاندۇرغان بولساقمۇ سۈرىيە ھۆكۈمىتى قىسىملىرى كېلىشىم ھاسىل قىلىنىپ بولغان ئايرىلىش رايونىغا قاراپ ئىلگىرىلەشنى توختاتمىدى. ئەل تانف ھەربىي بازىسىدىكى ئىتتىپاقداش قىسىملارغا تەھدىت شەكىللەندۈرىدىغان دەرىجىدە بىر تانكا، ئايروپىلان سوقار قورال سىستېمىسىغا ئىگە بىرونوۋېكلەر ۋە 60 تىن ئارتۇق ئەسكەر بىلەن رايونغا كىردى» دېيىلدى.

ئىتتىپاقداش ئارمىيە سۈرىيە ھۆكۈمىتىنى قوللىغۇچى قىسىملارنىڭ 2 توپى ۋە بىر ئايروپىلان سوقار قورال سىستېمىسىنى پاچاقلاپ تاشلىدى. تانكىسىنىمۇ ئېغىر زىيانغا ئۇچراتتى. ھۇجۇم قىلىشتىن  ئىلگىرى سۈرىيە ھۆكۈمىتى قىسىملىرىنىڭ ئاگاھلاندۇرۇلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

18 – ماي كۈنىدىمۇ ئىتتىپاقداش ئارميىەنىڭ سۈرىيە ھۆكۈمىتى قىسىملىرىغا قىلغان ھۇجۇمىغا ئالاقىدار باياناتىدا: «ئىتتىپاقداش ئارمىيە سۈرىيە ھۆكۈمىتى قىسىملىرى بىلەن ياكى سۈرىيە ھۆكۈمىتىنى قوللىغۇچى قىسىملار بىلەن ئۇرۇش قىلىشنىڭ كويىدا ئەمەس، بىراق سۈرىيە ھۆكۈمىتىنى قوللىغۇچى قىسىملار ئايرىلىش رايونىنى تاشلاپ چىقىپ كەتمىگەن ئەھۋالدا، ئۆزىنى قوغداشقا ھەر دائىم تەيياردۇر. ئىتتىپاقداش ئارمىيە سۈرىيەنىڭ جەنۇبىدىكى بارلىق تەرەپلەرنى ئورتاق دۈشمەن بولغان ھەمدە يەرشارى خاراكتېرلىك ۋە رايون خاراكتېرلىك تىنچلىق ئۈچۈن تەھدىت ھېسابلىنىدىغان دائىشقا مەركەزلىشىشى كېرەكلىكىگە چاقىرىق قىلىدۇ» دېيىلگەن ئىدى.

ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ئىتتىپاقداش ئارمىيە بىلەن بىرلىكتە ئەل تانف لاگېرىدا بىر قانچە يۈز ئەسكىرىنىڭ مۋجۇتلۇقىنى ئېيتقان ئىدى. 

ئامېرىكا ئەسكەرلىرىنىڭ بۇ لاگېردا تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشقا قارشى كۈرەش قىلىۋاتقان بىر ئۆكتىچى گۇرۇپپىغا تەلىم تەربىيە بېرىۋاتقانلىقى ئېلان قىلىنغان ئىدى. 

 

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر