سەئۇدى ئەرەبىستان: «قاتار ھاماسنى ۋە مۇسۇلمان قېرىنداشلار تەشكىلاتىنى قوللاشنى توختاتسۇن»

سەئۇدى ئەرەبىستان  تاشقى ئىشلار مىنىستىرى قاتارنىڭ ئەرەب دۆلەتلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىنى تۈزىتەلىشى ئۈچۈن پەلەستىندىكى ھاماس ۋە مىسىردىكى مۇسۇلمان قېرىنداشلار تەشكىلاتىنى قوللاشنى توختىتىشى كېرەكلىكىنى ئېيتتى.

747586
سەئۇدى ئەرەبىستان: «قاتار ھاماسنى ۋە مۇسۇلمان قېرىنداشلار تەشكىلاتىنى قوللاشنى توختاتسۇن»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: قاتار بىلەن بەزى ئەرەب دۆلەتلەر ئوتۇرىسدىكى كىرىزىس ھەققىدە خەلقئارا جامائەتچىلىكتىن باياناتلار كېلىشكە باشلىدى.

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ، سەئۇدى ئەرەبىستان پادىشاھى سەلمان بىلەن كۆرۈشۈپ، تېررورلۇقنىڭ مالىيە مەنبەسىگە ۋە ئاشقۇن ئىدېئولگىيەلەرگە قارشى ئىتتىپاقلىققا پارىس قولتۇقى رايونىنىڭ تولىمۇ ئېھتىياجى بارلىقىنى تەكىتلىدى.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىسترىلىقىمۇ تېررولۇقنىڭ مالىيە مەنبەسىنى توسۇپ قىلىشتا قاتارنىڭ ئىنتايىن مۇھىم مۇساپىلەرنى بېسىپ ئۆتكەنلىكىنى، بىراق قىلىشقا تېگىشلىك يەنە نۇرغۇن خىزمەتلەرنىڭ بارلىقىنى ئېلان قىلدى.

 ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ھېدېر نۇئېرت، «قاتار بىلەن ئىنتايىن مۇستەھكەم مۇناسىۋىتىمىز بار. قاتار بىلەن بىرلىكتە شۇندقلا رايوندىكى ۋە باشقا دۆلەتلەر بىلەن بىرلىكتە تېررورلۇققا قارشى ھەمكارلىشىشنى داۋاملاشتۇرىمىز» دېدى.

ئاقساراي باياناتچىسى سەن سىپىچېرمۇ مەسىلىنى بالدۇرراق ھەل قىلىش ۋە ھەمكارلىقنىڭ قايتىدىن بەرپا قىلىنىشى ئۈچۈن ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ رايوندىكى دۆلەتلەر بىلەن ئۇچرىشىشلاردا بولغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

سىپىچېر دونالد ترامپنىڭ قاتارنى ئەيىبلەش خاراكتېرلىك تىۋىتتېر ھېسابىدا تارقاتقان ئۇچۇرىنىڭ رەسمىي  بايانات قاتارىدا سانىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

كۇۋەيت ئەمىرى شەيخ ئەل ئەھمەد ئەل جابىر ئەس ساباھ سەئۇدى ئەرەبىستاندا بىر كۈنلۈك زىيارەتتە بولدى. 

سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ رەسمىي خەۋەر ئاگېنتلىقى «SPA»نىڭ خەۋىرىدە، سەئۇدى ئەرەبىستان پادىشاھى سەلمان بىلەن كۇۋەيت ئەمىرى ساباھنىڭ ئۇچرىشىشىدا، ئۆزئارا مۇناسىۋەتلەر ۋە رايون خاراكېترلىك مەسىلىلەرنىڭ مۇزاكىرە قىلىنغانلىقى بىلدۈرۈلدى، بىراق تەپسىلاتى ھەققىدە مەلۇمات بېرىلمىدى.

سەئۇدى ئەرەبىستان  تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئادىل بىن ئەھمەد ئەل جۇبەير فىرانسىيەنىڭ پايتەختى پارىژدا ئېلان قىلغان باياناتىدا، قاتارنىڭ سىياسەتلىرىنى ئۆزگەرتىشى كېرەكلىكىنى ۋە ئاشقۇن گۇرۇپپىلارنى قوللاشنى توختىتىشى لازىملىقىنى ئېيتتى. قاتارنىڭ ئەرەب دۆلەتلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىنى تۈزۈتەلىشى ئۈچۈن پەلەستىندىكى ھاماس ۋە مىسىردىكى مۇسۇلمان قېرىنداشلار تەشكلاتىنى قوللاشنى توختىتىشى قاتارلىق بىر تۈركۈم قەدەملەرنى تاشلاشقا ئېھتىياجى بارلىقىنى جىكىلىدى.

پەلەستىن ئىسلامىي قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتى ھاماس بولسا، جۇبەيرنىڭ ئۆزلىرىگە قارىتا ئېلان قىلغان كۈشكۈرتۈش خاراكتېرلىك باياناتلىرىنى قاتتىق قايغۇرۇش ئىچىدە ئاڭلىغانلىقىنى ۋە قاتتىق ئەيىبلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرى.

قاتار تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مۇھەممەدە بىن ئابدۇرراھمان ئەل سانى قاتارنىڭ قوشنىلىرى بىلەن يۈز بەرگەن دېپلوماتىك كىرىزىسنى ھەل قىلىش ئۈچۈن دىيالوگقا تەييار ۋە مۇرەسسەگە ئوچۇق ئىكەنلىكىنى  بىلدۈردى.

ئەل سانى، «CNN» قانىلىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ بەرگەن باياناتىدا، «دىيالوگقا ۋە ئولتۇرۇپ سۆھبەت ئۆتكۈزۈشكە تەييارمىز. بىز بۇ يەردە دۇنيانىڭ پەۋقۇلئاددە كۈچى ئەمەس. مەسىلىلەرنىڭ توقۇنۇش ئارقىلىق ھەل بولىدىغانلىقىغا ئىشەنمەيمىز» دېدى. 

ئەل سانى، «قاتار تېررورلۇقنى قوللىدى» دېگەن ئەيىبلەشنى رەت قىلدى ۋە ئۇ ھەقتە توختىلىپ، «قاتار تېررولۇقنىڭ مالىيە مەنبەسىگە قارشى كۈرەشنى داۋاملاشتۇرىۋاتىدۇ ۋە دۇنيانى يوشۇرۇن تېررورچىلاردىن قوغداشقا تۆھپە قوشماقتا» دېدى.

 

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر