«ئىران، رۇسىيە ۋە تېررورىزىم دۇنيادىكى ئەڭ خەتەرلىك كۈچلەردۇر»

ئامېرىكىنىڭ مۇئاۋىن پىرېزىدېنتى مايك پېنس دۇنيادىكى ئەڭ خەتەرلىك كۈچلەرنىڭ نېمىلەر ئىكەنلىكىنى تەرىپلەپ ئۆتتى.

746589
«ئىران، رۇسىيە ۋە تېررورىزىم دۇنيادىكى ئەڭ خەتەرلىك كۈچلەردۇر»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكىنىڭ مۇئاۋىن پىرېزىدېنتى مايك پېنس ئىران، رۇسىيە ۋە تېررورىزىمنىڭ دۇنيادىكى ئەڭ خەتەرلىك كۈچلەر ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئاتلانتىك كېڭىشى يىغىنىدا سۆز قىلغان پېنس مۇنداق دېدى: «رۇسىيەنىڭ چېگرالىرىنى كۈچ ئىشلىتىپ قايتىدىن سىزىپ چىقىش ئۇرۇنۇشلىرى، ئىراننىڭ ئوتتۇرا شەرقنى مۇقىمسىزلاشتۇرۇش قىلمىشلىرى، دۇنيانىڭ ھەر يېرىنى قاپلاپ كەتكەن خەلقئارا تېررورىزىم قاتارلىقلار دۇنيانىڭ ئەڭ خەتەرلىك پەيتتە تۇرۇۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.»

ئامېرىكىنىڭ بۇ خەتەرلەرگە قارشى كۈرەش قىلىش ئۈچۈن شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى-ناتو دائىرىسىدىكى بارلىق مەسئۇلىيەتلىرىنى ئادا قىلىش ۋە ئىتتىپاقداشلىرىغا ياردەم قىلىشقا تەييار ئىكەنلىكىنى ئالاھىدە ئەسكەرتىپ ئۆتكەن پېنس، ناتونىڭ ھەر قانداق بىر ئەزاسىنىڭ ھۇجۇمغا ئۇچرىشىنىڭ ناتونىڭ بارلىق ئەزالىرىنىڭ ھۇجۇمغا ئۇچراش بولىدىغانلىقى پىرىنسىپىغا سادىق ئىكەنلىكلىرىنى بىلدۈردى. 

پېنس يەنە مۇنداق دېدى: «كونا ۋە يېڭى دۈشمەنلەر كۆپىيىۋاتىدۇ، ئىتتىپاقداشلىرىمىز كۈنىمىز ۋە ئەتىنىڭ خەتەرلىرىگە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن ئىزچىل تەرەققىي قىلىشى كېرەك.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر