تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېش كوللىكتىپ قەتلىئام ئېلىپ باردى

100 مىڭغا يېقىن كىچىك بالىنىڭ ئىنتايىن خەتەرلىك مۇھىت ئىچىدە تۇرۇۋاتقانلىقىنى ۋە بۇلارنىڭ تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېش تەرىپىدىن جانلىق قالقان سۈپىتىدە ئىشلىتىلگەنلىكىنى ئەسكەرتتى.

747012
تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېش كوللىكتىپ قەتلىئام ئېلىپ باردى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىراقنىڭ مۇسۇل شەھىرىدە تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېش كوللىكتىپ قەتلىئام ئېلىپ باردى.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومېسسارى زەئىد راد ئەل ھۇسەيىن، تېررورلۇق تەشكىلاتىتىنىڭ 1 – ئىيۇندا مۇسۇلدا 163 نەپەر پۇقرانى كوللىكتىپ ئولتۈرۈپ تاشلىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

زەئىد راد ئەل ھۇسەيىن جەنۋەدىكى ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى يىغىنىدا ئېلان قىلغان باياناتىدا پۇقرالارنىڭ قېچىپ كېتىشىنى توسۇپ قىلىش ئۈچۈن ئولتۈرۈپ تاشلانغانلىقىنى ئېيتتى.

يەنە بىر تەرەپتىن ب د ت مۇسۇلنىڭ ئىراق ئارمىيەسى تەرىپىدىن قورشاۋغا ئېلىنغان بىر رايونىدا 100 مىڭغا يېقىن كىچىك بالىنىڭ ئىنتايىن خەتەرلىك مۇھىت ئىچىدە تۇرۇۋاتقانلىقىنى ۋە بۇلارنىڭ تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېش تەرىپىدىن جانلىق قالقان سۈپىتىدە ئىشلىتىلگەنلىكىنى ئەسكەرتتى.

ب د ت بالىلار فوندى جەمئىيىتى «UNICEF» تۈنۈگۈن ئېلان قىلىغان يازما باياناتىدا، بالىلاردىن بەزىلەرنىڭ ئۇرۇشقا مەجبۇر قىلىنغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ ھازىر ئىككى ئوتنىڭ ئوتتۇرىسىدا قالغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، «مۇسۇلنىڭ غەرىبىدىكى ناھىيەلەردە كىچىك بالىلارنىڭمۇ بارلىقى، بەزى پۇقرالارنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكى ھەققىدە تولىمۇ ئېچىنىشلىق خەۋەرلەرنى ئاڭلىدۇق. بۇ كىشىلەردىن بەزىلىرىنىڭ كۈنسىرى تېخىمۇ شىددەتلىك تۈس ئېلىۋاتقان توقۇنۇشلاردىن قېچىش جەريانىدا ئۆلگەنلىكلىرى مەلۇم» دېيىلدى.

ب د ت بالىلار فوندى جەمئىيىتى «UNICEF» نىڭ باياناتىدا يەنە، «بىگۇناھ پۇقرالارغا، دوختۇرخانىلارغا، كلىنىكالارغا، مەكتەپلەرگە، تۇرالغۇ ئۆيلەرگە ۋە  تۇرۇببا لىنىيەسى دېگەنگە ئوخشاش پۇقرالارنىڭ ئادەتتىكى تۇرمۇشى ئۈچۈن ياسالغان ئاساسىي قۇرلۇشلارغا قىلىغان ھۇجۇمۈملار دەرھال توختىلىشى لازىم» دېگەن سۆزلەر ئىشلىتىلدى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر