قۇياشتىنمۇ ئىسسىق بىر پىلانېتا بايقالدى
دۇنيادىن تەخمىنەن 650 نۇر يىل يىراقلىقتىكى بىر پىلانېتا بايقالدى.
746622
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۇنيادىن تەخمىنەن 650 نۇر يىل يىراقلىقتىكى بىر پىلانېتانىڭ تاشقى تېمپېراتۇراسىنىڭ 4300 گىرادۇس ئىكەنلىكى ئېنىقلاندى.
«تەبىئەت»ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان تەتقىقاتقا ئاساسلانغاندا، يۇپىتېرغا ئوخشاپ كېتىدىغان « KELT-9b » نامى بېرىلگەن بۇ پىلانېتا KELT-9 سەييارىسىنىڭ ئەتراپىدا 1 يېرىم كۈندە ئايلىنىپ بولىدىكەن، يۇپىتېردىن 2.8 ھەسسە چوڭ بولغان پىلانېتانىڭ ئۆز ماسسىسى پۇپىتېرنىڭ يېرىمىگە تەڭ كېلىدىكەن.
ئارىزونا ئىشتاتىنىڭ شەرقىي جەنۇبىغا جايلاشقان ۋىنېر كۆزىتىش مەركىزىدىكى KELT تېلېسكوبى ئارقىلىق بايقالغان KELT-9b نىڭ ئوربىتاسىدا ئايلىنىدىغان سەييارىنىڭمۇ قۇياشتىن ئىككى ھەسسە چوڭ ۋە ئىككى ھەسسە ئىسسىق ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.