ھىندىستان 640 توننا ئېغىرلىقتىكى راكېتاسىنى قويۇپ بەردى
ھىندىستان 640 توننا ئېغىرلىقتىكى ئەڭ ئېغىر راكېتاسىنى ئالەم بوشلۇقىغا قويۇپ بەردى.
746933
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئۇچۇر – ئالاقە ساھەسىگە ھەسسە قوشۇشى كۈتۈلۈۋاتقان راكېتا، ھىندىستانغا نىسبەتەن بىر بۇرۇلۇش نۇقتىسى بولۇپ، ياۋروپا ئالەم بوشلۇقى ۋاسىتىلىرىغا بولغان بېقىندىلىقىنى ئازايتىشنى نىشان قىلىدۇ.
ھىندىستان تاراتقۇلىرى «گىگانت» دەپ نام بەرگەن مەزكۇر راكېتا، 2024 – يىلى ئالەم بوشلۇقىغا ئالەم بوشلۇقى ئۇچقۇچىسى يۆتكەيدۇ.
ھىندىستان ئامېرىكا، خىتاي ۋە رۇسىيەدىن كېيىنكى ئالەم بوشلۇقىغا ئادەم چىقارغان تۆتىنچى دۆلەت بولۇشنى پىلانلىماقتا.