لوندوندا تېررورلۇق ھۇجۇمى يۈز بەردى

ئەنگلىيەنىڭ پايتەختى لوندوننىڭ مەركىزىدىكى لوندون كۆۋرۈكى ۋە باررو بازىرىدا تېررورلۇق ھۇجۇمى يۈز بەردى.

745268
لوندوندا تېررورلۇق ھۇجۇمى يۈز بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەنگلىيەنىڭ پايتەختى لوندوننىڭ مەركىزىدىكى لوندون كۆۋرۈكى ۋە باررو بازىرىدا تېررورلۇق ھۇجۇمى يۈز بېرىپ، 3 نەپىرى ھۇجۇمچى بولۇپ جەمئىي 9 ئادەم ئۆلدى.

بىرىنچى ھۇجۇم لوندون كۆۋرۈكى ئۈستىدە مەيدانغا كەلدى؛ ھۇجۇمچىلار بىر مىنىبۇسنى كۆۋرۈكتىكى پىيادە مېڭىۋاتقان كىشىلەرگە قارىتىپ ھەيدىدى، ئارقىدىن مىنىبۇستىن چۈشكەن 3 ھۇجۇمچى كۆۋرۈككە يېقىن جايدىكى باررو بازىرىغا بېرىپ، ئۇ يەردىكى كىشىلەرگە پىچاقلىق ھۇجۇم قىلدى.

ئەنگلىيە ساقچى تارماقلىرى بايانات بېرىپ، مەزكۇر تېررورلۇق ھۇجۇمىدا 6 كىشىنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقىنى، 3 ھۇجۇمچىنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى ئۇقتۇردى؛ ساقچى باياناتچىسى، ھۇجۇمچىلارنىڭ پارتلاتقۇچتەك كۆرۈنىدىغان جىلىتكە كىيىۋالغانىقىنىمۇ سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.

لوندون جىددىي قۇتقۇزۇش ئاپتوموبىللىرى مۇلازىمەت مەركىزى بايانات بېرىپ، ھۇجۇمدا يارىلانغانلارنىڭ ئوخشاش بولمىغان دوختۇرخانىلاردا بالنىستقا ئېلىنغانلىقىنى قەيت قىلدى.

تېخى بۇنىڭدىن ئىككى ھەپتىچە ئىلگىرى ئەنگلىيەنىڭ مانچېستېر شەھىرىدىكى بىر كونسېرت زالىدا مەيدانغا كەلگەن ئادەم بومبا ھۇجۇمىدا 22 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلغانىدى.

يەنە 22 – مارتتا لوندوندا بىر ھۇجۇمچى ۋېستمىنىستېر كۆۋرۈكىدە كېتىۋاتقان بەزى كىشىلەرنى ئاپتوموبىلى بىلەن باستۇرۇۋەتكەندىن كېيىن، پارلامېنت بىناسى سىرتىدىكى ساقچىلارغا پىچاقلىق ھۇجۇم قىلغانىدى؛ بىرى ساقچى بولۇپ 5 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلغان مەزكۇر ھۇجۇمنىڭ جاۋابكارلىقىنى دائېش ئۈستىگە ئالغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر