رۇس ئايروپىلانىنىڭ ئاقدېڭىزغا چۈشۈپ كېتىش سەۋەبى ئېنىق بولدى

رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى Tu-154  تىپلىق رۇس ئايروپىلانىنىڭ 2016 – يىلى 25 – دېكابىر كۈنى ئاقدېڭىزغا ئۇچقۇچىنىڭ خاتالىقى سەۋەبىدىن چۈشۈپ كەتكەنلىكىنى جاكارلىدى.

743918
رۇس ئايروپىلانىنىڭ ئاقدېڭىزغا چۈشۈپ كېتىش سەۋەبى ئېنىق بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مىىستىرلىق تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتتا ئەسكەرتىلىشىچە، 92 كىشى قازا قىلغان ئايروپىلان ۋەقەسىنى تەكشۈرۈش خىزمىتى تاماملانغان. تەكشۈرۈش نەتىجىسىگە ئاساسلانغاندا، ئايروپىلاندا تېخنىكىلىق ھېچقانداق كاشىلا كۆرۈلمىگەن، يېقىلغۇ ۋە يۈك مىقدارىمۇ نورمال بولۇپ، ئايروپىلان ئۇچقۇچىنىڭ خاتالىقى سەۋەبىدىن چۈشۈپ كەتكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر