ئاقساراي ئامېرىكا - گېرمانىيە مۇناسىۋەتلىرىنىڭ «ناھايىتى ياخشى» ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى

ئاقساراي باياناتچىسى سېئان سپىسېر، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى بىلەن گېرمانىيە ئارىسىدىكى ئىككى تەرەپ مۇناسىۋەتلىرىنىڭ ناھايىتى ياخشى ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

742836
ئاقساراي ئامېرىكا - گېرمانىيە مۇناسىۋەتلىرىنىڭ «ناھايىتى ياخشى» ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: باياناتچى سپىسېر ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇ ئارقىلىق گېرمانىيەنى ئەيىبلىگەن باياناتىدىن كېيىن ئۆتكۈزگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا بۇ مەسىلىگە ئالاقىدار سوئاللارغا جاۋاب بەردى؛ ئۇ، بىر مۇخبىرنىڭ گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئانگېلا مېركېلنىڭ «ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن ئامېرىكىغا ئىشىنەلمەيدىغانلىقى» توغرىسىدىكى سۆزلىرىگە ئالاقىدار سوئالىغا، «پىرېزىدېنت (ترامپ) نىڭ مېركېل بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ناھايىتى ياخشى؛ ئۇلار ئۆزئارا ناھايىتى ياخشى چۈشىنىشىدۇ ۋە پىرېزىدېنت ئۇنى (مېركېلنى) ئالاھىدە ھۆرمەتلەيدۇ. ئۇ يالغۇز گېرمانىيەنىلا ئەمەس، ياۋروپانىڭ قالغان قىسمىنىمۇ مۇھىم بىر ئىتتىپاقداش، دەپ قارايدۇ» دەپ جاۋاب بەردى.

مېركېلنىڭ سۆزلىرىنىڭ تاراتقۇلار تەرىپىدىن باشقا ياققا بۇرالغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن سپىسېر، مېركېلنىڭ «ياۋروپانىڭ تەقدىرىنىڭ ئۆز قولىدا ئىكەنلىكى» نى ئېيتقانلىقىنى ۋە ترامپنىڭمۇ ئوخشاش نۇقتىغا ئىشارەت قىلغانلىقىنى تىلغا ئېلىپ ئۆتتى.

ترامپ، تۋىتتېر ئارقىلىق ئۇچۇر تارقىتىپ، «گېرمانىيە بىلەن ناھايىتى زور سودا قىزىل رەقىمىمىز بار؛ بۇنىڭدىن باشقا ناتو ۋە ھەربىي راسخوتلارنى ئۆلچەمدىدىكىدىن بەكلا ئاز تۆلەۋاتىدۇ. بۇ ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىغا نىسبەتەن ئىنتايىن ناچار ئەھۋال. بۇ ئۆزگىرىدۇ» دېگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر