ئامېرىكا پ ي د غا قورال بەرگەنلىكىنى جەزملەشتۈردى
ۋاشىنگتون دائىرىلىرىنىڭ دائېش تېررورلۇق تەشكىلاتىغا قارشى كۈرىشىنى پ ك ك تېررورلۇق تەشكىلاتى بىلەن بىرلىكتە ئېلىپ بېرىش نىيىتى قەتئىيدەك قىلىدۇ.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى مۇداپىئە مىنىستىرلىقى – پېنتاگون، بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ سۈرىيەدىكى گۇماشتىسى پ ي د / ي پ گ غا كىچىك تىپلىق قورال، ئوق – دورا ۋە ئاپتوموبىل بەرگەنلىكىنى ئېلان قىلدى؛ پېنتاگون باياناتچىسى مىڭبېشى ئادرىئان رانكاين گاللوۋېي، «سۈرىيە دېموكراتىك كۈچلىرىنىڭ كورد قوراللىقلىرىغا كىچىك تىپلىق قورال، ئوق – دورا ۋە ئاپتوموبىللارنى يوللىغانلىقىمىزنى جەزملەشتۈرىمەن» دېدى. بىراق ئۇ، قوراللارنىڭ تىپى، ئوق – دورا ۋە ئاپتوموبىللارنىڭ مىقدارىغا ئالاقىدار ئۇچۇرلارنى ئورتاقلىشىشنى خالىمىدى.
ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ مۇشۇ ئاينىڭ بېشىدا پېنتاگونغا راققە ھەربىي ھەرىكىتى دائىرىسىدە پ ي د / پ ك ك غا قورال ۋە ھەر خىل ئەسلىھەلەرنى بېرىش توغرىسىدا يوليورۇق چۈشۈرگەنىدى.
پېنتاگون بۇنىڭدىن ئىلگىرى بايانات بېرىپ، مەزكۇر قورال – ياراغلارنىڭ كىچىك تىپلىق قوراللار، بىرونېۋىك ۋە ئاپتوموبىل بومبىلارغا قارشى ئىشلىتىلىدىغان قورال سىستېمىلىرى، ئۇچۇر – ئالاقە ۋە ئارقا سەپ لازىمەتلىرىدىن ئىبارەت ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەنىدى.
يەنە، ئامېرىكىنىڭ دائېشقا قارشى كۈرەش ئالاھىدە ۋەكىلى برېت ماكگۇرك، راققە ھەربىي ھەرىكىتىنىڭ يېقىندا باشلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ، راققەگە 2 كىلومېتىر يېقىنلاشقانلىقلىرىنى، دائېشنىڭ 4 كىۋادرات كىلومېتىرلىق جايغا قاپسىلىپ قالغانلىقىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.