ئامېرىكىدا 2 مۇسۇلمان ئايالغا ھۇجۇم قىلغان جىنايەتچى سوتقا تارتىلدى

قاتىل چىرىستىيان سوتتا، «ئامېرىكنىڭ دۈشمەنلىرىگە ئۆلۈم! بۇ يەر ئامېرىكا! سەنلەرگە بۇ يەردە بىخەتەر جاي يوق! كۆزىمىزدىن يوقۇلۇش، ئامېرىكىدىن كېتىش!» دەپ شوئارلارنى توۋلىدى.

742976
ئامېرىكىدا 2 مۇسۇلمان ئايالغا ھۇجۇم قىلغان جىنايەتچى سوتقا تارتىلدى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكىنىڭ پورتلاند شەھىرىدە جۈمە كۈنى 2 مۇسۇلمان ئايالغا ھۇجۇم قىلغان ۋە ئۇلارنى قوغدىماقچى بولغان 2 كىشىنى پىچاقلاپ ئۆلتۈرگەن ئىرقپەرەس جىنايەتچى سوتقا تارتىلدى. 

جېرېمىي جوسېف چىرىستىيان سوتتا، «سىلەر بۇنى تېررورلۇق دەيدسىلەر ئەمما ۋە بۇ ۋەتەنپەرۋەرلىكتۇر» دېگەن سۆزلىرى بىلەن جىنايىتىنى ئېتىراپ قىلدى.

ئۇ ئىلگىرىمۇ ھەر خىل جىنايەتلەرنى ئۆتكۈزگەن بولۇپ، ھەتتا سوت مەھكىمىسىدە سودىيەنىڭ ئالدىدا شوئار توۋلىدى.

34 ياشلىق قاتىل، ئىرقپەرەس جىنايەتچى چىرىستىيان پەرۋاسىزلارچە ۋاقىراپ جاقىراپ، «ئامېرىكنىڭ دۈشمەنلىرىگە ئۆلۈم! بۇ يەر ئامېرىكا! سەنلەرگە بۇ يەردە بىخەتەر جاي يوق! پىكىر ئەركىنلىكىنى ياختۇرمايدىغان بولۇشساڭ، كۆزىمىزدىن يوقۇلۇش، ئامېرىكىدىن كېتىش!» دېگەن سازلەرنى ئىشلەتتى. 

چىرىستىيان تەرىپىدىن پىچاقلىىنىپ ھاياتىدىن ئايرىلغان رىككى جون بېست بىلەن تالېيسىن مايرىدىن نامكاي مېچە قەھرىمان ئېلان قىلىندى.

چىرىسيتاننىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان ئاياللارنى قوغداش يولىدا ھاياتىدىن ئايرىلغان رىككى جون بېست ۋە تالېيسىن مايرىدىن نامكاي مېچەنىڭ ئائىلىلىرىگە 600 مىڭ دوللار توپلانغان ۋە ئامېرىكا خەلقى تەرىپىدىن قەھرىمان ئېلان قىلىنغان ئىدى.

دونالد ترامپ بۇ ۋەقەگە سۈكۈت قىلىش بىلەن ئەيىبلەنگەندىن كېيىن، خەلقنىڭ بېسىمى تۈپەيلى ئاخىرى سۇكۇتىنى بۇزۇپ، تىۋىتتېر ھېسابىدىن بايانات ئېلان قىلغان ۋە «جۈمە كۈنى پورتلاند شەھىرىدە يۈز بەرگەن ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىنى قەتئىي قوبۇل قىلىشقا بولمايدۇ. قۇربان بولغۇچىلار نەپرەتكە ۋە ئەخلاقسىلىققا قارشى كۈرەش قىلدى. دۇئالىرىمىز ئۇلار بىلەن بىرگە دېدى.

 

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر