ئاقسارايدا يەنە بىر ئەمەلدار ئىستېپا بەردى

ئامېرىكا پىرېزىدېنت دونالد ترامپنىڭ ئاقسارايدىكى ئۇچۇر-ئالاقە دىرېكتورى مايك دابكېنىڭ ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بېرىش ئىلتىماسىنىڭ تەستىقلانغانلىقى بىدۈرۈلدى.

742303
ئاقسارايدا يەنە بىر ئەمەلدار ئىستېپا بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: «ABC News» نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، دابكې ئەسلىدە 18-ماي ئىستېپاسىنى سۇنغان، بىراق پىرېزىدېنت ترامپنىڭ تۇنجى چەت ئەل زىيارىتىنىڭ ئاخىرلىشىشى كۈتۈلگەن. بۇ ۋاقىتقىچە ئاقسارايدىكى ۋەزىپىسىنى داۋاملاشتۇرغان مايك دۇبكېنىڭ ئىستېپاسى رەسمىي قارار بىلەن ئېلان قىلىندى.

رۇسىيە بىلەن بولغان مەخپىي ئۇچرىشىشىنى ساقلىغان ترامپنىڭ مىللىي خەۋپسىزلىك مەسلىھەتچىسى فلىنمۇ ۋەزىپىسىنى باشلاپ ئۈچ ھەپتە ئۆتكەندە ئىستېپا بېرىشكە مەجبۇر بولغان ئىدى.

فلىن رۇسىيەنىڭ ۋاشىنگتوندىكى باش ئەلچىسى سېرەېي كىسلياك بىلەن ۋەزىپىگە قويۇلماستىن بۇرۇن ئىككى قېتىم كۆرۈشكەنلىكىنى مەخپىي تۇتقان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر