ترامپ مېركېلگە جاۋاب قايتۇردى

ترامپ رەھبەرلىكىدىكى ئامېرىكىغا ئىشەنگىلى بولمايدىغانلىقىنى ئېيتقان گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئانگېلا مېركېلگە دونالد ترامپتىن جاۋاب كەلدى.

742420
ترامپ مېركېلگە جاۋاب قايتۇردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ترامپ مېركېلنىڭ يەنە بىر قېتىم «بىز ياۋروپالىقلار ئۆز تەقدىرىمىزنى ئۆزىمىز بەلگىلىشىمىز كېرەك» دېگەن سۆزلىرىگە قارىتا ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى Twitter  سەھىپىسىدە جاۋاب قايتۇردى.

سودا تەڭپۇڭسىزلىقى جەھەتتىن  ئامېرىكا بىلەن گېرمانىيە  ئوتتۇرىسىدىكى پەرقنىڭ ناھايىتى چوڭلۇقىنى ئەسكەرتكەن ترامپ، گېرمانىيەنىڭ ناتو ئۈچۈن سەرپ قىلىۋاتقان چىقىملارنىڭ ئازلىقىنى تەكرارلاپ مۇنداق دېدى: «سودا تەڭپۇڭسىزلىقى جەھەتتىن  ئامېرىكا بىلەن گېرمانىيە  ئوتتۇرىسىدىكى پەرق ناھايىتى چوڭ، ئۇنىڭ ئۈستىگە، گېرمانىيە ناتو ئۈچۈن ئادەتتىن تاشقىرى دەرىجىدە ئاز مەبلەغ ئاجرىتىدۇ، بۇ ئامېرىكىغا نىسبەتەن ياخشى ئەمەس، شۇڭا، بۇ ئەھۋال چوقۇم ئۆزگىرىدۇ.»

ترامپ ئۆتكەن ھەپتە بېلگىيەنىڭ پايتەختى بىريۇسسېلدا چاقىرىلغان ناتو باشلىقلار يىغىنىدا ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئالىي دەرىجىلىك رەھبەرلىرى بىلەن ئۇچراشقانىدى.

گېرمانىيە تاراتقۇلىرى ئۇچرىشىشتا، ترامپنىڭ ئامېرىكا بىلەن گېرمانىيە ئوتتۇرىسىدىكى سودا تەڭپۇڭسىزلىقىدىن شىكايەت قىلىپ، «گېرمانلار ناھايىتى ناچار ئادەملەر» دېگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر