ئىسىرائىلىيە يېڭى يەھۇدىي تۇرالغۇ سېلىش پىلانىنى تەستقلىدى

ئىسىرائىلىيە ئىشغال ئاستىدىكى پەلەستىن زېمىنىغا جايلاشقان ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدىكى نابلۇس شەھىرىنىڭ جەنۇبىدا يېڭى يەھۇدىي تۇرالغۇ رايونى قۇرۇشنى تەستىقلىدى.

741270
ئىسىرائىلىيە يېڭى يەھۇدىي تۇرالغۇ سېلىش پىلانىنى تەستقلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىسىرائىلىيەدە چىقىدىغان يەدىيوت ئاھرونوت گېزىتىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، پەلەستىن زېمىنلىرىدىكى ھۆكۈمەت پائالىيەتچىلىرى كوردىناتسىيە ئورگىنىنىڭ باشلىقى گېنېرال يوۋا موردېچاي تەخمىنەن تۆت ئاي بۇرۇن پەلەستىنلىكلەرنىڭ ئالاھىدە زېمىنىغا سېلىنغانلىقى ئۈچۈن سوتنىڭ ھۆكمى بىلەن يىقىپ تاشلانغان ئامونا يەھۇدىي تۇرالغۇلىرىنىڭ ئىگىلىرىگە، نابلۇسنىڭ جەنۇبىغا جايلاشقان ئېستۇنا ۋادىسىغا يېڭى يەھۇدىي تۇرالغۇلىرىنى سېلىش پىلانىنى تەستىقلىغان.

خەۋەردە، پىلاننى قاچان ئىجرا قىلىش ۋە تۇرالغۇ جايلىرىنىڭ تەپسىلىي ئەھۋالىغا مۇناسىۋەتلىك ھېچقانداق مەلۇمات بېرىلمىدى.

پەلەستىن ئەرز سۇنغان ئىسىرائىلىيە ئالىي سوتى 2014-يىلى 26-دېكابىر كۈنى «ئالاھىدە مال-مۈلۈك ئۈستىگە سېلىنىدىغانلىقى ئۈچۈن قۇرۇلۇشقا رۇخسەت قىلىشنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكى» نى سەۋەب قىلىپ، ئامونا تۇرالغۇلىرىنى ئىككى يىل ئىچىدە تارقاقلاشتۇرۇش توغرىسىدا ھۆكۈم چىقارغان ئىدى.

ئىسىرائىلىيە باش مىنىستىرى نېتانياھۇ 1997-يىلى قۇددۇسنىڭ شىمالىغا جايلاشقان رايوندا پەلەستىنلىكلەرنىڭ زېمىنىغا سېلىنغان ۋە سوتنىڭ قارارى بىلەن بوشىتىلغان ئامونا تۇرالغۇلىرىدا ياشايدىغان تەخمىنەن 50 يەھۇدىي ئائىلە ئۈچۈن، ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدا يېڭى تۇرالغۇلارنى سېلىش توغرىسىدا ۋەدە بەرگەن ئىدى.

ئىسىرائىلىيەنىڭ ئىشغالىيىتى ئاستىدا تۇرۇۋاتقان ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدا 400 مىڭ، شەرقىي قۇددۇستا 200 مىڭدىن ئارتۇق كۆچمەن يەھۇدىي ياشايدۇ.

خەلقئارا قانۇنغا ئاساسلانغاندا، بۇ يەرلەردىكى يەھۇدىي تۇرالغۇلىرىنىڭ ھەممىسى قانۇنسىز ھېسابلىنىدۇ.

1995-يىلى پەلەستىن بىلەن ئىسىرائىلىيە ھۆكۈمىتى ئوتتۇرىسىدا ئىمزالانغان «2-ئوسلو كېلىشىمى» دائىرىسىدە، ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقى      A, B ۋە C رايونلىرىغا ئايرىلغان ئىدى. %18 نى ئىگىلەيدىغان A رايونىنىڭ مەمۇرىي ئىشلىرى ۋە بىخەتەرلىكى پەلەستىنگە، %21 نى ئىگىلەيدىغان B رايونىنىڭ مەمۇرىي ئىشلىرى پەلەستىنگە، بىخەتەرلىكى ئىسىرائىلىيەگە، %61 نى ئىگىلەيدىغان C رايونىنىڭ مەمۇرىي ۋە بىخەتەرلىك ئىشلىرى ئىسىرائىلىيەگە ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەن ئىدى.

كېلىشىمگە ئاساسلانغاندا، مەسىلە ھەل قىلىنغىچە تەرەپلەر ھازىرقى ئەھۋالنى ئۆزگەرتىدىغان ھېچقانداق ئىش قىلماسلىقى لازىم. بىراق، ئىسىرائىلىيە ئوسلو كېلىشىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، بۇ رايونلارغا يەھۇدىي كۆچمەنلىرىنى ۋە ھەربىي بازىلارنى ئورۇنلاشتۇرۇشنى داۋاملاشتۇرماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر