ماتتىس: ئەگەر شىمالىي كورېيەدە ئۇرۇش چىقىپ قالسا، پۈتۈن رايوننى پاجىئەگە ئىتتىرىدۇ

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى مۇداپىئە مىنىستىرى جېيمس ماتتىس، شىمالىي كورېيە بىلەن ئۇرۇش چىقىپ قالسا، پۈتۈن رايوننى پاجىئەگە ئىتتىرىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

741379
ماتتىس: ئەگەر شىمالىي كورېيەدە ئۇرۇش چىقىپ قالسا، پۈتۈن رايوننى پاجىئەگە ئىتتىرىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شىمالىي كورېيەنىڭ رايوندا جەنۇبىي كورېيە بىلەن ياپونىيەگە خەۋپ شەكىللەندۈرۈۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتكەن ماتتىس، دىپلوماتىك تىرىشچانلىقلار ئۈنۈم بەرمىسە، رايوننىڭ ئۇرۇش قاينىمىغا كىرىدىغانلىقىنى ۋە بۇنىڭ خىتاي بىلەن رۇسىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان پۈتكۈل رايوننى پاجىئەگە ئىتتىرىدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.

شىمالىي كورېيەنىڭ جەنۇبىي كورېيەنىڭ پايتەختى سېئۇلنى بومباردىمان قىلىش ئىقتىدارىغا ئىگە زەمبىرەك ۋە راكېتامىيوتلارغا ئىگە ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن ماتتىس، شىمالىي كورېيە بىلەن قىلىنغۇسى بىر توقۇنۇشنىڭ كۆپلىگەن ئىنسان ھاياتىدا كۆرگەن ئەڭ ئېغىر پاجىئە بولۇپ قالىدىغانلىقىنى ئېيتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر