ئىسرائىلىيەلىكلەر تېل ئاۋىۋدا پەلەستىن دۆلىتىنىڭ قۇرۇلۇشىنى تەلەپ قىلىپ نامايىش ئۆتكۈزدى

شەرقىي قۇددۇس ئىشغال قىلىنغانلىقىنىڭ 50 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن، مىڭلارچە ئىسرائىلىيەلىك ئىسرائىلىيەنىڭ پايتەختى تېل ئاۋىۋدىكى رابىن مەيدانىغا توپلىنىپ، پەلەستىن دۆلىتىنىڭ قۇرۇلۇشىنى قوللاپ نامايىش ئۆتكۈزدى.

740732
ئىسرائىلىيەلىكلەر تېل ئاۋىۋدا پەلەستىن دۆلىتىنىڭ قۇرۇلۇشىنى تەلەپ قىلىپ نامايىش ئۆتكۈزدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: نامايىش جەريانىدا پەلەستىنلىكلەرگە يۈرگۈزۈلگەن سىياسەتلەرگە نارازىلىق بىلدۈرۈلدى؛ نامايىشنى «ھازىر تىنچلىق» دېگەندەك ئىسرائىلىيەنىڭ بىر قىسىم ئىجتىمائىي كۈچلەر باشقۇرۇشىدىكى ئورگانلىرى بىلەن سولچىل ئىدىيەدىكى سىياسىي پارتىيەلەرمۇ قوللاپ – قۇۋۋەتلىدى. نامايىشچىلار، ئىسرائىلىيە بىلەن پەلەستىن ئارىسىدىكى چۈشىنىشمەسلىكلەرنىڭ ئاخىرلاشتۇرۇلۇپ، تىنچلىق ئورنىتىلىشىنى تەلەپ قىلدى. نامايىش ئەسناسىدا، پەلەستىن دۆلەت رەئىسى مەھمۇد ئابباسنىڭ نامايىشچىلارغا يوللىغان سالام خېتى ۋە تىنچلىق توغرىسىدىكى سۆزلىرىمۇ ئوقۇپ ئۆتۈلدى.

نۇتۇقلار سۆزلەنگەن، تىنچلىق مەزمۇن قىلىنغان شوئارلار توۋلانغان نامايىش، كونسېرت بىلەن ئاخىرلاشتى.

ئىسرائىلىيە، شەرقىي قۇددۇس بىلەن غەربىي قىرغاقنى 1967 – يىلىدىن بۇيان ئىشغال قىلىپ تۇرماقتا. شەرقىي قۇددۇستا 200 مىڭ ئەتراپىدا، غەربىي قىرغاقتا بولسا، 400 مىڭدىن ئارتۇق يەھۇدىي كۆچمەن بار.

خەلقئارا قانۇن بويىچە بولغاندا، بۇ جايلاردىكى بارلىق يەھۇدىي كۆچمەنلەر رايونلىرى قانۇنسىز ھېسابلىنىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر