ئىراقتا ئادەم بومبا ھۇجۇمى يۈز بەردى

ئىراقنىڭ شەرقىگە جايلاشقان دىيالا ۋىلايىتىنىڭ شەھەر مەركىزى – بەئقۇبەدە مەيدانغا كەلگەن ئادەم بومبا ھۇجۇمىدا 4 ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلدى.

740738
ئىراقتا ئادەم بومبا ھۇجۇمى يۈز بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خەۋپسىزلىك مەنبەلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بەئقۇبەنىڭ مەركىزىدىكى تەكشۈرۈش ئورنىغا يېقىنلاشقان بىر ئادەم بومبا ھۇجۇمچىسىنىڭ بەدىنىگە تېڭىۋالغان بومبىنى پارتلىتىشى نەتىجىسىدە، 4 ئادەم ئۆلگەن، 15 ئادەم يارىلانغان.

ۋەقە يۈز بەرگەن جايغا كۆپ ساندا جىددىي قۇتقۇزۇش ماشىنىسىنىڭ ئەۋەتىلگەنلىكى، ئۆلگەن ۋە يارىلانغانلارنىڭ يېقىن ئەتراپتىكى دوختۇرخانىلارغا يۆتكەلگەنلىكى ئەسكەرتىلدى.

ئىراق خەۋپسىزلىك كۈچلىرى بىر قانچە كۈن ئىلگىرى دىيالانىڭ شىمالىي ۋە شەرقىي قىسىملىرىدا دائېش تېررورلۇق تەشكىلاتىغا زەربە بېرىش ھەربىي ھەرىكىتى باشلىغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر